سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
مودى پاكىستانغا ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنى كېسىپ تاشلاشقا ۋەدە بەردى
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پاكىستانغا ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنى كېسىپ تاشلاشقا ۋەدە بەردى.
مودى پاكىستانغا ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنى كېسىپ تاشلاشقا ۋەدە بەردى
/ Reuters

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى پاكىستانغا ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنىڭ ھىندىستاننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كېسىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ۋە پەقەت ھىندىستاننىڭلا پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھىندىستاندىن چېگرا ھالقىپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ كېسىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بايانات، ھىندىستاننىڭ ئەزەلىي رەقىبى بولغان پاكىستان بىلەن ئىمزالانغان مۇھىم بىر سۇ كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويۇشىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى. 

يېڭى دېھلى ئالدىنقى ئايدا تالاش-تارتىشلىق كەشمىرنىڭ ھىندىستان تەرەپتىكى ساياھەتچىلەر نىشان قىلىنغان ھەم ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ پاكىستان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىسى قاتتىق تەھدىتلەر ۋە دىپلوماتىك جاۋابلار بولدى. پاكىستان بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. 

سەيشەنبە كۈنى، ھىندىستان قىسىملىرى «سىندور ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلاپ پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىر شۇنداقلا كەشمىردىكى توققۇز نىشانغا ھۇجۇم قىلدى. 

پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى ھىندىستاننىڭ ئۈچ نۇقتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ۋە ئىسلامئابادنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مودى باياناتىدا ئىسلامئابادنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقە ھىندىستاننىڭ 65 يىللىق ئىندۇس سۇلىرى كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى توختىتىپ قويۇشىدىن كېيىن يۈز بەردى. 

مودى يېڭى دېھلىدا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ھىندىستاننىڭ سۇلىرى سىرتقا ئېقىپ كېتىۋاتاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ھىندىستان ئۈچۈنلا ئاقىدۇ. ھىندىستاننىڭ پاكىستانغا ئېقىۋاتقان سۇلىرى ھىندىستاننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كېسىپ تاشلىنىدۇ  ۋە پەقەت ھىندىستانلا پايدىلىنىدۇ.» 

پاكىستان تەرەپ دەريالارنىڭ سۈيىنى توسۇشنى «ئۇرۇش ئېلان قىلىش» دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەر ھىندىستاننىڭ ھازىرقى سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاش ياكى ئېقىن يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ئىگە ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ھىندىستاننىڭ سۇلارنىڭ پەقەت ئېقىش ۋاقتىنىلا تەڭشىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

خەلقئارا جەمئىيەت كەشمىر مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان يېڭى دېھلى بىلەن ئىسلامئابادقا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تاممى برۇس: «پاكىستان بىلەن ھىندىستاننى كىرىزىسنى ھەم جەنۇبىي ئاسىيادا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە رايونلۇق مۇقىملىقنى ساقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق ئاساسىدا ھەل قىلىش يولىدا ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز» دېدى. 

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىسلامئاباد ھىندىستاننى چەناب دەرياسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى. توڭلىتىپ قويۇلغان سۇ كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دەريا پاكىستان كونترول قىلىدىغان ئۈچ دەريانىڭ بىرى ئىكەن. پاكىستاننىڭ پەنجاب ۋىلايىتىنىڭ سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى قازىم پىرزادا: «دەريادا غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۇق» دېدى. 

ھىندىستان چېگراسىدىكى پەنجاب پاكىستاننىڭ 240 مىليونلۇق نوپۇسىنىڭ دېگۈدەك يېرىمىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ.

پىرزادا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى:

«باشقا سۇ يوللىرى ئاز بولغان رايونلار ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.»

ئۇ، سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى:

«بىر كۈنى دەريانىڭ سۇلىرى نورمال ھالەتتە ئېقىۋاتاتتى، ئەتىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى.»

پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ھىندىستاندىن 26-ئاپرېل كۈنى كۆپ مىقداردا سۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇ مەلۇمات پاكىستاننىڭ سابىق كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى رەھبەرلىكىدىكى جىنناھ ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. پىرزادا: «بىزنىڭ سۇدىن پايدىلىنىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىنماقتا» دېدى. 

ئىندۇس دەرياسى ئاسىيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەريالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سەزگۈر چېگرا لىنىيەلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ رايون مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان كەشمىرگە جايلاشقان. ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە 1989-يىلدىن بۇيان مۇستەقىللىق ياكى پاكىستان بىلەن بىرلىشىش تەلىپى بىلەن ئىسيانلار داۋاملاشماقتا. ھىندىستان بۇ ئىسياننىڭ پەردە ئارقىسىدا پاكىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

مودى 2016-يىلى سۇنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش بىلەن تەھدىت سېلىپ: «قان بىلەن سۇ بىرلىكتە ئاقالمايدۇ» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى