ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى «ئىشغالىيىتى» گە قارىتا ئاگاھلاندۇردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئىشغالىيەت ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ھېچكىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

By
ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى «ئىشغالىيىتى» گە قارىتا ئاگاھلاندۇردى / Reuters

لىۋانلىق بىر مىنىستىرمۇ قاتناشقان بىر پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ ئۇچۇر بەردى ۋە «ئىشغالىيەتنىڭ» بىخەتەرلىك ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماكرون دۈشەنبە كۈنى پارىژدىكى دۆلەت قوللىغان ئەرەب دۇنياسى ئىنستىتۇتىدا بىر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «ھېچقانداق ئىشغالىيەت، ھېچقانداق مۇستەملىكىچىلىك شەكلى  نە بۇ يەردە، نە (ئىشغال ئاستىدىكى) غەربىي قىرغاقتا، نە باشقا يەردە، ھېچكىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ» دېدى.

ماكرون بۇ باياناتنى لىۋان مەدەنىيەت مىنىستىرى غاسسان سالامە (Ghassan Salame) بىلەن بىرگە ۋە ئىسرائىلىيە لىۋانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلدى.

لىۋانغا قارىتا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە، كېيىن ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئەۋەتتى ۋە بۇنى «چەكلىك» ھۇجۇم دەپ ئاتىدى. لىۋان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە زوراۋانلىقى

بۇ جەرياندا 28-فېۋرالدىن بۇيان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بېرى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئاز دېگەندە ئالتە پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلدى. رايوندىكى بەزى بىنالار ۋە ئاپتوموبىللار قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلدى.

ماكرون خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ: «بەزى كىشىلەر بىزنى بىخەتەرلىكنىڭ پەقەت قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان بىر قوشنىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، لىۋان بىزگە بىرلا نەرسىنى ئەسكەرتىدۇ: ئۇنىۋېرساللىقنىڭ كۈچى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پارىژدىكى بۇ كۆرگەزمە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6900-يىلىدىن باشلاپ ئادەم ياشايدىغان جاي بولغان ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى پورتى دەپ قارىلىدىغان لىۋاندىكى بىبلوس (Byblos) شەھىرىگە تەۋە ھەر خىل ئارخولوگىيەلىك يادىكارلىقلار زىيارەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلدى.