سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: بىز ئىرانغا بەرىبىر ھۇجۇم قىلاتتۇق
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىراننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئېلىشنى بىلگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ترامپ: بىز ئىرانغا بەرىبىر ھۇجۇم قىلاتتۇق
ترامپ: بىز ئىرانغا بەرىبىر ھۇجۇم قىلاتتۇق / Reuters

ترامپ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلدارلار ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ھەققىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ‹سىزنىڭ بىلىشىڭىزغا تېگىشلىك  ئىشمۇ؟› دەيدىغان مەسىلە ئەمەس. بىز بىلگەن بولساقمۇ، ئۇنداقتا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ترامپ نۇرغۇن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئاندىن كۇۋەيت تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، دەرۋەقە كۇۋەيت زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بەھرەين زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بىرەر مۇتەخەسسىس يوق ئىدى.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەنە ئىران بىلەن بولۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى، ئەمما «يېقىندا» نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى ۋە «ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 «بۇ ئىش نەتىجىلەنگەندە تېخىمۇ بىخەتەر بىر دۇنياغا ئىگە بولىمىز، ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ.»

ئۇ ئۆزى شەخسەن بۇنىڭغا قىزىقمىسىمۇ، ئەمما ھەرىكەتكە ئۆتۈش جەھەتتە زىممىسىدە بىر «مەسئۇلىيەت» بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغىمىغان بولسا يادرو ئۇرۇشى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتنى ئۇرۇش تاللىشى ئەمەس، بەلكى بىر ئېھتىياج دەپ تەسۋىرلىدى.

بۇ باياناتلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش مۇددىتىگە قارىتا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، كۆپىنچە ھاللاردا بىر - بىرىگە زىت ئۇچۇرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

ترامپ دەسلەپتە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۆت-بەش ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە كۆپ قېتىم «پىلانلانغاندىن تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.

ئېنېرگىيە مىنىستىرى كىرىس رايت يەكشەنبە كۈنى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە «چوقۇم» ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېت ئۆتكەن ھەپتە بۇنىڭ «پەقەت بىر باشلىنىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. Axios خەۋەر تور بېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاشىنگتون ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدىكى ئەمەلدارلار ئامېرىكانىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىش مۇددىتىنىڭ سېنتەبىر ئېيىغىچە داۋاملىشىشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى 28-فېۋرال باشلانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان 14 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى