سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
دونالد ترامپنىڭ ئوغلى كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى
دونالد ترامپ ج ر (Donald Trump Jr.) ئاقساراي ئۈچۈن كەلگۈسىدە نامزات بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوچۇق قالدۇرۇپ، سىياسىي پەرەزلەرگە سەۋەب بولدى.
دونالد ترامپنىڭ ئوغلى كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى
دونالد ترامپنىڭ ئوغلى كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ چوڭ ئوغلى دون ج ر (Don Jr.) ئىلگىرى ئاقساراي نامزاتلىقىنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بەلكىم بىر كۈنى» پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

دوھادىكى بىر مۇنبەردە، دادىسىدىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقى سورالغاندا، دون ج ر ئالدى بىلەن كۈلۈمسىرىدى ئاندىن بۇ ئېھتىماللىققىمۇ مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىما قىلدى.

دون ج ر بلۇمبېرگنىڭ قاتار ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنىدىكى بىر مۇھاكىمە يىغى جەريانىدا: «بۇ سوئالنىڭ سورىلىشى بىر شەرەپ، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىشىمۇ بىر شەرەپ» دېدى. زالدىكى بەزى قاتناشقۇچىلار بۇ سۆزلەرنى ئالقىشلىدى.

دون ج «بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ» دېگەننىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

47  ياشلىق دونالد ترامپ ج ر ئائىلىسىنىڭ ھەشەمەتلىك مۇقىم مۈلۈك شىركىتى «ترامپ گۇرۇھى» (Trump Organization)  دا مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ۋە دادىسىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسىدۇر.

ترامپ گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇلۇشى

مارت ئېيىدا، سولچىل خاھىشتىكى بىر خەۋەر تور بېكىتى بولغان مېدىيەيت (Mediate)، دون ج ر نىڭ 2028-يىلى پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇشنى «جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى» خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئەمما دون ج ر ئەينى چاغدا بۇنى رەت قىلغان ئىدى. بىراق، چارشەنبە كۈنى دون ج ر ئاقسارايغا نامزات بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. بلۇمبېرگ مۇنبىرىدە: «بىلمەيمەن، بەلكىم بىر كۈنى، بىلىسىلەرز، ئۇ چاقىرىق كەلسە» دېدى.

ئۇ يەنە: «مېنىڭچە دادام جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتتى. ئەمدىلىكتە بۇ پارتىيە ئامېرىكانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان پارتىيەگە ئايلاندى، ماگا   (MAGA) كاتتا پارتىيە، قانداق چۈشەنسىڭىز شۇنداق» دېدى.

ترامپ گۇرۇھى 2016-يىلدىكى سايلام غەلىبىسىدىن بۇيان پىرېزىدېنتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى ئوغلى دون ج ر ۋە ئېرىك تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

پىرېزىدېنت ترامپ ھازىر رەسمىي باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس، ئائىلە شىركىتىدىكى پاي ھوقۇقىنى بىر ئىشەنچ فوندى ئارقىلىق داۋاملىق ساقلاپ كەلمەكتە.ا

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى