غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ %82 نى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى سېنتەبىردە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيەلىك ئاشقۇن ئوڭ قانات مىنىستىر بېزالېل سموترىچ: «زېمىنىمىزدا ھەرگىز ۋە ھەرگىز بىر پەلەستىن دۆلىتى بولمايدۇ ۋە بولالمايدۇ» دېدى.
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ %82 نى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا
ئىسرائىلىيە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ %82 نى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا / Reuters

ئاشقۇن ئوڭ قانات مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ %82 نى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

سموترىچ، ئاشقۇن ئوڭ قانات دىنىي سىئونىزم پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇددۇستا ئۆتكۈزگەن بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىننىڭ %82 گە تەتبىقلىنىدۇ» دېدى

ئاشقۇن ئوڭ قانات مىنىستىر يەنە: «يەھۇدىيە ۋە سامارىيەدە (غەربىي قىرغاق) ئىسرائىلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ۋە كىچىك زېمىنىمىزنى پارچىلاش ئىدىيەسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېدى.

سموترىچ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن  ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا «رايونلۇق پۇقرالار ئىدارىسى ئالماشتۇرغۇچىلىرى» نىڭ ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سموترىچ، قوشۇۋېلىشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىنىڭ «ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى زېمىن، ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئەرەب نوپۇسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر: «زېمىنىمىزدا ھەرگىز ۋە ھەرگىز بىر پەلەستىن دۆلىتى بولمايدۇ ۋە بولالمايدۇ. ئەگەر پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىزگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلارغا ھاماسقا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ يوقىتىمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Recognition of Palestinian state could spark sprint to two-state solution, envoy says

سموترىچ، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى قوشۇۋېلىشنى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش يۆنىلىشىدىكى قەدەملىرىگە قارشى «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىر قەدەم» دەپ سۈپەتلىدى.

بېلگىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر، 8-سېنتەبىردىن 23-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر، ھازىرغىچە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان 147 دۆلەتكە قوشۇلۇشنى پىلانلىماقتا.

سموترىچ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا: «يەھۇدىيە ۋە سامارىيەدىكى (ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق) بارلىق ئوچۇق جايلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش يۆنىلىشىدە تارىخىي بىر قارار چىقىرىش» قا چاقىرىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە 20-ئاۋغۇستتا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى ئىككىگە بۆلۈشنى ۋە شىمالدىكى راماللاھ ۋە نابلۇس شەھەرلىرىنى جەنۇبتىكى بەيتلەھم ۋە ئەل-خەلىلدىن ئايرىشنى نىشان قىلغان چوڭ بىر ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى (E1) نى تەستىقلىغان. بۇ قۇرۇلۇش، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنى يېتىم قالدۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت، ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىماقتا.

ب د ت، ئولتۇراق رايونلارنىڭ كېڭىيىشىنىڭ داۋاملىشىشى، ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم بىر رامكا دەپ قارالغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشچانلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى.؛

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ئىيۇلدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىيىتىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان بىر مەسلىھەت خاراكتېرلىك پىكىرنى ئېلان قىلىپ، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى بارلىق ئولتۇراق رايونلارنىڭ چېكىندۈرۈلۈشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Does recognition mean anything while Palestine is being erased?

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى