پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى مۇنبىچتا فىرات كۆۋرۈكىگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى

سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ مۇنبىچتىن قېچىش جەريانىدا فىرات دەرياسى ئۈستىدىكى كۆۋرۈكنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بومبا قاچىلغان يۈك ئاپتوموبىلى بىر تەرەپ قىلىندى.

پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى مۇنبىچتا فىرات كۆۋرۈكىگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى / TRT Uyghur

مۇنبىچنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقان پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى قىسىملىرىدىن قېچىپ، فىرات دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە ئۆتتى.

قاچقۇن تېررورچىلار M4 تاشيولى بويىدىكى فىرات دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بومبا قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى قىسىملىرى يۈك ئاپتوموبىلىنى كۆۋرۈكنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن يۆتكەپ،  بىر تەرەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار قاچقان فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە ئۆتۈش ئۈچۈن چوڭ بىر توسالغۇدىن قۇتۇلغان بولدى.