ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئىسرائىلىيەدە بىر بىناغا زىيان يەتكۈزدى
دائىرىلەر ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئىسرائىلىيەدە بىر بىناغا زىيان يەتكۈزدى
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى تۇباستىن كۆرۈلمەكتە / Reuters

ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئىسرائىلىيەدە بىر بىناغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .

ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر خىل نۇقتىلىرىغا تېگىپ، ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە بىر بىناغا زىيان يەتكۈزدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بۇ ھۇجۇملارنى توسۇپ قالالمىدى. 

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراندىن  قويۇپ بېرىلگەن كۆپلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا چۈشكەن. 

ئارمىيە تەرەپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قايسى جايلارغا تەگكەنلىكى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بەرمىگەن. ئىسرائىلىيەنىڭ خايوم گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەم دېگەندە ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇددۇس ۋە تېل ئاۋىۋ ئەتراپىدىكى شارون رايونىغا چۈشكەن.

«‹قانال 12› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزىدىكى بىر بىناغا زىيان  يەتكۈزگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى 20 ئاپتوموبىلغا تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرگەن. 

باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پارچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر بىناغا تەگكەن، چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ۋەيران بولغان پارچىلىرى ئوچۇق ساھەلەردە نۇرغۇن  ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

رايوندىكى جىددىيچىلىكلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ جۈمە كۈنى ئىراندىكى ھەربىي ۋە يادرو مۇئەسسەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن. بۇ ھۇجۇملار تېھراننىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىشىغا سەۋەب بولغان. 

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈزلەرچە كىشى يارىلانغان. 

ئىران تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 224 كىشى ئۆلگەن، 1000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى