تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سوتى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەگە قارشى ئېچىلغان دېلونى كېچىكتۈردى
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىكىنىڭ قانۇنىي ئىناۋىتىنى تەكشۈرۈۋاتقان دېلو 24 -ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈرۈلدى.
تۈركىيە سوتى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەگە قارشى ئېچىلغان دېلونى كېچىكتۈردى
تۈركىيە سوتى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەگە قارشى ئېچىلغان دېلونى كېچىكتۈردى / Anadolu Agency

تۈركىيەنىڭ 42 - ئاساسىي ھەق تەلەپ سوتى، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىگە قارشى ئېچىلغان دېلونى 2024-يىلى 24-ئۆكتەبىرگىچە كېچىكتۈردى.

دۈشەنبە كۈنى كېچىكتۈرۈلگەن بۇ دېلودا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 2023-يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن 38-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنىي ئىناۋىتى تەكشۈرۈلمەكتە. بۇ قۇرۇلتايدا، ئۆزگۈر ئۆزەل كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ئورنىغا پارتىيەنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان ئىدى.

خاتاي شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى لۇتفى ساۋاش ۋە بىر گۇرۇپپا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان بۇ دېلودا، قۇرۇلتاي جەريانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ئاۋاز سېتىۋېلىش ئەيىبلەشلىرىنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەيىبنامىدە، ئۆزگۈر ئۆزەلنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ۋەكىللەرگە نەق پۇل ۋە ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئەگەر سوت قۇرۇلتاينى بىكار قىلىش قارارى چىقارسا، ھازىرقى پارتىيە رەھبەرلىكى ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ ۋە قىلىچدارئوغلۇ بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك پارتىيە كېڭىشى ئەزالىرى ۋەزىپىسىگە قايتىدۇ.

داۋاملىشىۋاتقان ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار دېلولىرى

ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئىستانبۇلنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ۋە باشقا 11 كىشى ئۈستىدىن ۋەكىللەرنىڭ ئاۋاز بېلىتى بەدىلىگە پۇل، يانفون ۋە ئۆي تەكلىپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى.

تەپتىشلەر، جاۋابكارلارنى «ئاۋاز بېرىشنى كونترول قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى تەلەپ قىلىپ سوتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئۆزگۈر ئۆزەلمۇ ۋاسىتىلىق ھالدا تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولدى. دەۋاگەرلەر ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاۋاز سېتىۋېلىش ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەيىبلەشلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە قۇرۇلتاي نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قۇرۇلتاينىڭ قانۇنىي ئىناۋىتى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنىي جاۋابكارلىقلارنى بېكىتىش ئۈچۈن ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار دېلولىرى بىرلىكتە تەكشۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
تۈركىيە پاكىستاننى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ۋە شېھىت يېقىنلىرىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئاسراشتا چىڭ تۇرىدۇ
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»
نەمرۇت تېغىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
مەككە كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە - ش ق ت ج ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ