خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ھۇسىيلار 20-ئىيۇلدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى «دېڭىز قورشاۋى» باشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ھۇسىيلار 20-ئىيۇلدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى «دېڭىز قامىلى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى»نى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار («ئەنسارۇللاھ» ھەرىكىتى) قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرىي ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، «ENCELIA» ۋە «LAYLA» ناملىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشنى چەكلەش قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن سەرىي، «بۇ ھەرىكەت كۆپلىگەن باللىستىك بومبا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، نىشانلارغا ئېنىق زەربە بېرىلدى» دېدى.

تەخمىنەن 10 پاراخوتنىڭ كەينىگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

يەھيا سەرىي «ئوخشاش دائىرىدە يەمەن قوراللىق كۈچلىرى (يەنى ھۇسىيلار) تەخمىنەن 10 پاراخوتنى چېكىنىشكە ۋە كەينىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەنە مۇنداق دېدى: «يەمەن قوراللىق كۈچلىرى سۈپىتىدە شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئەگەر دۈشمەن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىمىزگە قارشى ھەر قانداق ئەخمەقلىق سادىر قىلسا ياكى ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنسا، زېمىنىنىڭ ئىچكىرىسىگىچە سوزۇلىدىغان چوڭ ھەرىكەتلەر بىلەن قايتۇرما زەربىگە ئۇچرايدۇ».

«ئەنسارۇللاھ» ھەرىكىتى ھەربىي باياناتچىسى سەرىي سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تەخمىنەن 12 يىلدىن بۇيان يەمەن خەلقىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك قورشاۋ يۈرگۈزۈش، دۆلەتنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، پورتلارنى ۋە ئايرودروملارنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەمدە ھاۋادىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ ،خەلقنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى بەرداشلىق بەرگۈسىز دەرىجىگە يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا