خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«سۇمۇد» ياردەم پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىستانبۇل ۋە ياۋروپادا نامايىشلار پارتلىدى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «سۇمۇد» پاراخوت ئەترىتىگە مۇداخىلە قىلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى.
«سۇمۇد» ياردەم پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىستانبۇل ۋە ياۋروپادا نامايىشلار پارتلىدى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «سۇمۇد» پاراخوت ئەترىتىگە مۇداخىلە قىلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى. / Reuters

يۈزلەرچە كىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» پاراخوت ئەترىتىگە قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

TRT World  قانىلىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشچىلار شوئار توۋلاپ، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە دۇئا قىلغان. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆزلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ ۋەقەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نامايىشلار ياۋروپانىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ پارتلىدى. مەسىلەن، رومادا ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەر قايسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە نامايىشچى تېرمىنى ۋوگزالى ئالدىدىكى «پىئاززا دەي چىنكۋېچېنتو» مەيدانىغا يىغىلدى. نامايىشچىلار «پاراخوت ئەترىتى ۋە پەلەستىن ئۈچۈن ھەممىنى توختىتايلى!» دېگەن شوئارنى توۋلاپ، قاتناشنى پالەچ ھالغا كەلتۈردى. ساقچىلار مېترو بېكەتلىرىنى تاقاپ، ۋوگزالغا كىرىش-چىقىشنى چەكلىدى. تەشكىللىگۈچىلەر كەم دېگەندە مىڭغا يېقىن نامايىشچىنىڭ «پىئاززا باربېرىنى» مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيەدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدىن «Unione Sindacale di Base» (USB) ۋە «Confederazione Generale Italiana del Lavoro» (CGIL)  بۇ ۋەقەگە قارىتا 10-ئاينىڭ 3-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىش تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بارسېلونادا يۈزلەرچە كىشى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ۋە غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېرلىندا نۇرغۇن كىشى مەركىزىي ۋوگزالغا يىغىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە، بىريۇسسېلدا نامايىشچىلار «Place de la Bourse»  مەيدانىدىن بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. لوندوندىكى پائالىيەتچىلەرمۇ پەيشەنبە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاراخوت ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم

«سۇمۇد» پاراخوت ئەترىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىپ، پاراخوت ئەترىتىنى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە مەجبۇرىي توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى. غەززە قامالىنى بۆسۈپ ئۆتۈش خەلقئارا كومىتېتى (ICBSG) ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ «ئالما» ۋە «سىرىئۇس» ناملىق پاراخوتلارغا بېسىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىنلارنى ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، بۇ سىنلاردا ئىسرائىلىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ياردەم پاراخوتلىرىغا يېقىنلىشىپ، ئۇلاردىن يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان كۆرۈنۈشلەر بار ئىدى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ۋە تېببىي ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ ماڭغان بۇ پاراخوت ئەترىتى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا يولغا چىققان بولۇپ، ئەسلىدە پەيشەنبە ئەتىگەندە غەززە دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ كېلىشى پىلانلانغانىدى.

بۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەززەگە ئەۋەتىلگەن تۇنجى چوڭ كۆلەملىك ياردەم پاراخوت ئەترىتى ھېسابلىنىدۇ. پاراخوت ئەترىتى 45 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 532 پىدائىيدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمئىي 50 ئەتراپىدا كېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

غەززەدىكى 2.4 مىليون پەلەستىنلىك كەم دېگەندە 18 يىلدىن بېرى ئىسرائىلىيەنىڭ قامالى ئاستىدا ياشاپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى