سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
گراھام: ئامېرىكا يېقىندا خىتاي، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەگە تاموژنا بېجى يۈرگۈزىدۇ
ئامېرىكالىق بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، رۇسىيە نېفىتىنىڭ تەخمىنەن %80 نى سېتىۋالغان ئۈچ دۆلەتنى پات يېقىندا جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
گراھام: ئامېرىكا يېقىندا خىتاي، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەگە تاموژنا بېجى يۈرگۈزىدۇ
/ AA

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام خىتاي، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەنىڭ رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك يېقىندا مەلۇم ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىدىن بولغان گراھام يەكشەنبە كۈنى «فوكۇس خەۋەرلىرى» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «ھەي پۇتىن، نۆۋەت ساڭا كەلدى. بىلىسەن، دونالد ترامپ ئامېرىكا سىياسىتى ۋە تاشقى دىپلوماتىيەسىنىڭ سكوتتى شېففلېرى، ئۇ سېنىڭ  نۇخۇلاڭنى ئېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ» دېدى.

گراھام رۇسىيە نېفىتىنىڭ تەخمىنەن %80 نى سېتىۋالىدىغان بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ، ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن پات يېقىندا جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گراھام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ يەردە يۈز بېرىدىغىنى شۇكى، ترامپ رۇسىيە نېفىتى سېتىۋالغان خىتاي، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەگە تاموژنا بېجى يۈرگۈزىدۇ. بۇ ئۈچ دۆلەت ئەرزان رۇسىيە نېفىتىنىڭ تەخمىنەن %80 نى سېتىۋالىدۇ، بۇ بولسا پۇتىننىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى ھەرىكەتتە تۇتۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل. ترامپ بۇ دۆلەتلەرگە %100 تاموژنا بېجى قويۇپ، پۇتىنغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گراھام بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ يېقىندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيە ئامېرىكا ئىقتىسادى بىلەن پۇتىنغا ياردەم بېرىش ئارىسىدا بىرنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ. مېنىڭچە ئۇلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تاللايدۇ».

ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې ئۆتكەن ھەپتە ئاق سارايدا ترامپ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىرازىلىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى رۇسىيە بىلەن بولغان سودىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ ئىككىلەمچى ئېمبارگولىرىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

رۇتتې بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى پۇتىنغا بولغان تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى تىنچلىق سۆھبىتىگە قايىل قىلىشقا چاقىرىپ: «بۇ ئەھۋال سىلەرگە ناھايىتى ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى.

رۇتتې يەنە: «شۇڭا، دەرھال ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا تىنچلىق سۆھبىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بىرازىلىيە، ھىندىستان ۋە خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ» دەپ ئوچۇق بايانات بەرگەن.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك