سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ جەنۇبىدا يەنە ئىككى پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
تىببىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە مىقياسىدا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، بەنى سۇھەيلا رايونىدىكى بىر مەكتەپنىڭ يېنىدا ئىككى قېرىنداش ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ جەنۇبىدا يەنە ئىككى پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ جەنۇبىدا يەنە ئىككى پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى / AA

سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شەنبە كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بەنى سۇھەيلا يېزىسىغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا، بىر ئائىلىدىن ئىككى پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈرگەن.

ناسىر دوختۇرخانىسىدىكى تىببىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەنى سۇھەيلا يېزىسىدىكى ئەلفارابى مەكتىپى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىككى قېرىنداشنىڭ جەسىتى خان يۇنۇستىكى ناسىر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.

 ھۇجۇم قىلىنغان رايون، 10 - ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھېلىھەم كونترول قىلىۋاتقان رايونلار دائىرىسىگە كىرىدۇ.

بىراق بۇ رايوندىكى پەلەستىنلىكلەر، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھېلىھەم ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان رايونلار بىلەن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش سىزىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سېرىق بېتون توسۇقلار تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ رايونلارنى پەرق ئېتىشتە قىينالماقتا.

بەزى ئاھالىلەر قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، ئوتۇن ياكى يېمەكلىك تېپىش ئۈچۈن بۇ رايونلارغا بېرىشقا ياكى ۋەيران بولغان ئۆيلىرىگە بېرىپ يوتقان - كۆرپە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېلىشكە تىرىشماقتا.

شەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆزى داۋاملىق ئىشغال قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  بومباردىمانلاردا غەززە شەھىرىنىڭ شەرقى، شىمالدىكى بەيت لەھيە يېزىسى، غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئەلبۇرەيج لاگېرىنىڭ شەرقىي ئەتراپى، رەفاھ ۋە خان يۇنۇسنىڭ شەرقىدىكى ئەلقەرارە بىلەن بەنى سۇھەيلا يېزىلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىسرائىلىيە 2023 - يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 70 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى، 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»