سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادىش غەززەدىكى خەلقئارالىق قوشۇنغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نويابىر ئوتتۇرىلىرىدا چىقارغان بىر قارارنامەسىدە، غەززەدە ۋاقىتلىق «خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى» قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. ئۆكتەبىر (2025) دە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش، بىرىنچى باسقۇچتىن كېيىن توختاپ قالغان ئىدى.
باڭلادىش غەززەدىكى خەلقئارالىق قوشۇنغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
2026-يىلى1-ئاينىڭ11-كۈنى

باڭلادىش دائىرىلىرى ئامېرىكاغا غەززەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قوشۇنىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باڭلادىش ھۆكۈمىتى شەنبە (10-يانۋار) كۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى خەلىلۇر راخماننىڭ ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ئاللىسون خۇكېر (Allison Hooker) ۋە پائۇل كاپۇر (Paul Kapur) بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

باڭلادىش ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، راخمان كۆرۈشۈشتە «باڭلادىشنىڭ غەززەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قوشۇنىنىڭ بىر قىسمى بولۇشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن قىزىقىدىغانلىقى» نى ئىپادىلىگەن.

باياناتتا، باڭلادىشنىڭ بۇ پىلانغا قاتنىشىش دائىرىسى ياكى خاراكتېرى تىلغا ئېلىنمىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نىسبەتەن ھازىرچە ھېچقانداق باھا بەرمىدى.

نويابىر (2025) ئوتتۇرىلىرىدا قوبۇل قىلىنغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارنامەسىدە، ئۆكتەبىر (2025) دە ئۇرۇش توختىتىش باشلانغان غەززەدە ۋاقىتلىق خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسمى تەشكىللەش ئۈچۈن «تىنچلىق كېڭىشى» قۇرۇش ۋە بۇ كېڭەش بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە ھوقۇق بېرىلگەن ئىدى.

مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىرىنچى باسقۇچتىن كېيىن ئىلگىرىلىيەلمىدى، كېيىنكى باسقۇچلار مەسىلىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. غەززەدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ تار زېمىندىكى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش جايلىرى ياكى ۋەيران بولغان بىنالاردا ياشىماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ غەززەدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئېغىر ئاچارچىلىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە غەززەنىڭ پۈتكۈل نوپۇسىنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hamas signals readiness to hand Gaza administration to independent body
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان