خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ پۇتىن بىلەن «يىغىن ئۆتكۈزۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش»نى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «مەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمايمەن، شۇڭا نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز»، دېدى.
ترامپ پۇتىن بىلەن «يىغىن ئۆتكۈزۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش»نى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ پۇتىن بىلەن «يىغىن ئۆتكۈزۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش»نى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈردى / Reuters Archive

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش پىلانىنى توختىتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ، سۆھبەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن بېكارغا يىغىن ئۆتكۈزۈشنى... ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمايمەن، شۇڭا نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى جەڭنى توڭلىتىدىغان ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ: «مەن: ‹جەڭ، ئۇرۇش لىنىيەسىگە بېرىڭلار، (ئۇ يەرلەردىن) چېكىنىڭلار، ھەممەيلەن بىر ئاز ئارام ئالسۇن، چۈنكى ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى (پۇقرالىرىنى) ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەپتىسىگە 5 مىڭدىن 7 مىڭغىچە ئەسكىرىنى يوقىتىۋاتىدۇ› دېدىم».

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئاق سارايدىكى بىر ئەمەلدار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ «ئۈنۈملۈك» تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ترامپ بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدا پىلانلانغان ئىككىنچى باشلىقلار يىغىنىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

16-ئۆكتەبىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن كېيىن، ترامپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە رۇسىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە لاۋروۋ بىلەن رۇبىيونىڭ بۇ ھەپتە بىر يەرگە جەم بولۇپ يىغىننىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما مەزكۇر ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ يىغىنمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى دەرھال ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۈچ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇرۇشىدىكى ھازىرقى جەڭ لىنىيەسىنى ساقلاپ قالىدىغان شەكىلدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى ترامپنىڭ تەلىپىگە قارشى چىقتى.

لاۋروۋ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئاۋغۇستتا ئالياسكادا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدىكى ۋەدىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تېخى قارار چىقىرىلمىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكالىق مەنسەپداشلىرىنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس، بەلكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ: «مەن تېخى بىر قارار چىقارغىنىم يوق»، دېدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمىنى نەزەردە تۇتقانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ئۇكرائىنا ئامېرىكادىن رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن «Tomahawk» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېڭەش پالاتاسى كرېمىل سارىيىغا قارشى يېڭى بىر يۈرۈش جازا لايىھەسىنى تەييارلىدى. كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى جون تۇنې بۇ بىر يۈرۈش جازانىڭ ئاق ساراينىڭ تەستىقلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جازا لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغاندىن كېيىن تېزلا ماقۇللىنىشى مۇقەررەر. چۈنكى ھازىر 100 كىشىلىك كېڭەش پالاتاسىدا 85 كىشى لايىھەنى قوللىماقتا.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ئاق سارايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشقا دائىر سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
ترامپ ئىران ھەققىدە: «ئۇرۇش ناھايىتى يېقىندا، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى
سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇندى
روسىيە: «ئۇكرائىنادىكى ئەشيا ئوبوروت ۋە ئالاقە مەركەزلىرى بىلەن قوشۇپ، بىر پاراخوتقا زەربە بەردۇق»
سۈرىيەدە ھۇمۇس يېزىلىرىدىكى T4 ئايرودۇرۇمى يېنىدا مىنا پارتلاپ 3 كىشى قازا قىلدى