فىرانسىيە ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتىفىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دۆلىتىدە يۈز بەرگەن ئېغىر ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنى ئۆچۈرۈشكە ياردەم بەرگەن تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
فىرانسىيە ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەشەككۈر ئېيتتى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان نوئېل بارروت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ بۇ يىل تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ئېغىر ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئەسلىھەلىرى بىلەن فىرانسىيە ياردەم ئەترەتلىرىگە يار-يۆلەكتە بولغان تۈركىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، كىرودىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، پورتۇگالىيە، چېخىيە، رۇمىنىيە، سېربىيە، سلوۋاكىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېيتسارىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

تۈركىيە فىرانسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دانە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تۈركىيە ئەۋەتكەن ئايروپىلانلار ھەققىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە تۈركىيەنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق قىزىل بايىرىقى چۈشۈرۈلگەن تۈركچە ئۇچۇر يوللاپ «تەشەككۈر تۈركىيە» دەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئوت ئاپىتى مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان فىرانسىيەدە، بۇ يىل 117 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يەر زىيانغا ئۇچرىدى ۋە 4 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى