ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززە ئۆلكىسىگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 22 پەلەستىنلىك يارىلاندى.
غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى ئۇچۇرلار ھەمبەھرىلەندى.
باياناتتا، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا ئاخىرقى 24 سائەتتە 4 ى يېڭى ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىرى خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىلغان 5 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى، 22 كىشىنىڭ بولسا يارىلانغانلىقى بىلدۈردى.
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا 1522 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 5421 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، ئوخشاش مەزگىلدە خارابىلىك ئاستىدىن 839 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە ئۆلكىسىگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئومۇمىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 74 مىڭ 480 گە چىققانلىقى ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 175 مىڭ 539 غا ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
غەززە ئۆلكىسىدە خارابىلىك ئاستىدا تېخىچە مىڭلارچە جەسەتنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.






















