ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيەنىڭ خىتروۋ ئايرودۇرۇمىدا ترانسفورماتورغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇچۇشلار قايتا باشلاندى
ساقچىلار دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ترانسفورماتورغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنى گۇمانلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
00:00
ئەنگلىيەنىڭ خىتروۋ ئايرودۇرۇمىدا ترانسفورماتورغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇچۇشلار قايتا باشلاندى
ئەنگلىيەنىڭ خىتروۋ ئايرودۇرۇمىدا ترانسفورماتورغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇچۇشلار قايتا باشلاندى / AP

ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولغان لوندوندىكى خىتروۋ ئايرودۇرۇمىدا توك ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئايروپىلان سەپەرلىرى توختىتىلغانىدى، شەنبە كۈنى ئۇچۇشلار قايتا باشلاندى.

ساياھەت سانائىتى ساھەسى ئايرودۇرۇمنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ترانسفورماتور مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن يولۇچىلارنى يۆتكەش ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى.

بەزى ئۇچۇشلار جۈمە كەچتە قايتا باشلانغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ بەشىنچى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇمىنىڭ شۇ كۈننىڭ كۆپ قىسمىدا تاقىلىپ قېلىشى ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئاز ساندىكى مېھمانخانا ياتاقلىرى ۋە زاپاس ئورۇندۇقلارنى ئىزدىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتروۋ ئايرودۇرۇمىنىڭ بىر باياناتچىسى ئېلخەت ئارقىلىق ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئايرودۇرۇم تاقىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن زىيانغا ئۇچرىغان يولۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇم ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئايرودۇرۇمىمىزنىڭ يۈزلىگەن خىزمەتچى خادىمى بار، ئايرودۇرۇمدىن ئۆتىدىغان يەنە 10 مىڭ يولۇچىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بۈگۈنكى پىروگراممىزغا قوشۇمچە ئۇچۇشلارنىمۇ ئىلاۋە قىلدۇق.»

 

ئون مىليونلىغان فوند ستېرلىڭ زىيانغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ساياھەت سانائىتى ساھەسى، بۇنداق مۇھىم بىر ئاساسىي قۇرۇلمىنىڭ زاپاس قۇرۇلمىسى بولمىغان ئەھۋالدا قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلماقتا.

خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورت جەمئىيىتى (IATA) نىڭ رەئىسى ۋىللى ۋالش مۇنداق دېدى:

 «بۇ، ئايرودۇرۇمنىڭ پىلانلاش خىزمەتلىرىدىكى روشەن خاتالىقىدۇر.»

 جۈمە كۈنى 1351 ئۇچۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە 291 نىڭ يولۇچىنىڭ توشۇلۇشى پىلانلانغان ئىدى، ئەمما ئايروپىلانلار ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئايرودۇرۇملارغا يۈزلەندۈرۈلدى.

 گۇمانلىق ئەھۋال يوق، تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

خىتروۋ ئايرودۇرۇمىنىڭ  ئىجرائىيە دىرېكتورى توماس ۋولدبىيې ئايرودۇرۇمنىڭ شەنبە كۈنى «تولۇق مۇلازىمەت» قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «ئۇچۇشلارنىڭ توختاپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننى كىمنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بۇ ھەقتە بەلگىلىمىلەر ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، بۇنداق ۋەقەلەردە بىزنىڭ جاۋابكارلىقىمىز يوقتۇر.»

 ئەنگلىيە قاتناش مىنىستىرلىقى ئاۋاتلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن كېچىلىك ئۇچۇشلار چەكلىمىلىرىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلدى. ئەمما British Airways شىركىتىنىڭ  ئىجرائىيە دىرېكتورى شون دويلې: «ئايرودۇرۇمنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بارلىق خېرىدارلىرىمىزغا <چوڭ تەسىرى> بولىدۇ» دېدى.

خىتروۋ ئايرودۇرۇمىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىن كېيىن ئايروپىلانلار JetBlue، American Airlines، Air Canada، Air India، Delta Air Lines، Qantas، United Airlines، British   Airways  ۋە Virgin قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايرودۇرۇملىرىغا يۈزلەندۈرۈلگەن ياكى قايتۇرۇلغان ئىدى.

ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بۇنداق چوڭ كۆلەمدە ئاقساپ قېلىش ئەھۋالى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2010-يىلى ئىزلاندىيە يانار تاغ كۈلى بۇلۇتىدا كۆرۈلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپادىكى ئايرودۇرۇملاردا ئايروپىلان مەجبۇرىي قونغان ئەھۋال ئاستىدا، بەزى يولۇچىلارنىڭ ئايرودۇرۇمدىن چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك ھۆججەتلىرى بولمىسا، ترانزىت زاللىرىدا قالسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

 ۋەقەدىن كېيىن خىتروۋ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەتراپىدىكى مېھمانخانىلاردا ياتاق باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. زاكاس تور بېكەتلىرى ياتاق باھاسىنى 645 دوللارغا زاكاس قىلاتتى. بۇ نورمال ياتاق باھاسىدىن تەخمىنەن بەش ھەسسە يۇقىرى ئىدى.

ساقچىلار دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ترانسفورماتورغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنى گۇمانلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى