تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىرلار كابىنېتى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ
مىنىستىرلار كابىنېتى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكا - ئىران سۆھبەت مۇساپىسى، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەرەققىياتلار ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مىنىستىرلار كابىنېتى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ
جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنتى (ئارخىپ، AA)

مىنىستىرلار كابىنېتى ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، قويۇق كۈنتەرتىپ بىلەن يىغىن چاقىرىدۇ؛ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى، ئوتتۇرا شەرقتە ھەل قىلىنىشقا تىرىشىلىۋاتقان كىرىزىس بولىدۇ.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە مۇساپىسىمۇ يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.

رايوندا يېڭى بىر خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەنقەرەنىڭ ئالدىنقى نىشانى، دائىمىي تىنچلىقنىڭ كېچىكمەستىن ئورنىتىلىشى بولۇپ، بۇ يولدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋە ئىرانلىق مەنسەپدىشى پەزەشكىياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.

كابىنېت يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىق دىپلوماتىيەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىقتىساد پىلانى بىلەن بازارلاردىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋال مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

ئوتتۇرا شەرقتىكى تەرەققىياتلار ۋە ئالاھىدە قىلىپ ئېيتقاندا ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئېنىقسىزلىقلار يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىساد ۋە سودىغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. كابىنېت يىغىنىدا، بۇ تەسىرلەرنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش مۇساپىسنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلان ۋە 12-نۆۋەتلىك تەرەققىيات پىلانى رامكىسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىقتىساد پىلانى بىلەن بازارلاردىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋال باھالىنىدۇ.

«تېررورسىز تۈركىيە» كۈنتەرتىپى

«تېررورسىز تۈركىيە» نىشانىمۇ كابىنېتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش مۇساپىسنى تېزلىتىدىغان ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئۈستىدە تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يىغىندا ھەم بۇ خىزمەتلەر، ھەم بۇ مۇساپىگە ئالاقىدار تاشلىنىشى پىلانلانغان قانۇنىي قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى