خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەدىكى پويىز ۋەقەسىدە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان بولۇش ئېھتىماللىقى تەكشۈرۈلمەكتە
تۆمۈريول لىنىيەسى ئۈستىدىن تېپىلغان بىر پارچە، ئونلىغان كىشى يارىلانغان بۇ ۋەقەنىڭ قەستەن پەيدا قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.
فىرانسىيەدىكى پويىز ۋەقەسىدە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان بولۇش ئېھتىماللىقى تەكشۈرۈلمەكتە
فىرانسىيەدىكى پويىز ۋەقەسىدە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان بولۇش ئېھتىماللىقى تەكشۈرۈلمەكتە

فىرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا 44 كىشى يارىلانغان ۋە بىر كىشى ئېغىر بولغان پويىز ۋەقەسىنىڭ، قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۈزىسىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

186  يولۇچى ئولتۇرغان مەزكۇر پويىز جۈمە كۈنى سائەت 19:45 ئەتراپىدا نورماندىيە رايونىدىكى روۋېن (Rouen) ۋە كائېن (Caen) شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدا كېتىۋاتقاندا رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.

بىر ساقچى مەنبەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆمۈريول لىنىيەسى ئۈستىدە بىر تۆمۈر پارچىسى بايقالغاندىن كېيىن، مەسئۇللار بۇ ۋەقەنىڭ قەستەن سادىر قىلىنغان بىر ھەرىكەت بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى دەپ قارىماقتا.

كەڭ كۆلەملىك جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى

ۋەقەدىن كېيىن كۆپلىگەن يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نەق مەيدانغا 130 ئوت ئۆچۈرگۈچى، بەش سەھىيە ئەترىتى ۋە 80 ئاپتوموبىل ئەۋەتىلدى.

روۋېن شەھىرى مۇپەتتىشى سېباستىيېن گاللوۋايىس 44 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 18 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ھالەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇپەتتىش گاللوۋايىس پويىز شوپۇرىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىسپىرت ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىققانلىقىنى (يەنى ئىستېمال قىلمىغانلىقىنى) بىلدۈردى.

فىرانسىيە تۆمۈريول تورىنى باشقۇرىدىغان «SNCF Reseau» شىركىتى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا خىزمەت قىلالىشى ئۈچۈن لىنىيەدىكى پويىز قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ۋە رېلىسلارغا بېرىلگەن توكنىڭ ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تەكشۈرگۈچىلەر ۋەقەنىڭ ئەھۋالىنى ۋە نەق مەيداندىن تېپىلغان تۆمۈر پارچىسىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - France is outpaced in Africa by Türkiye, China and US: Macron
ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى