پىكىر
1 مىنۇت ئوقۇش
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
«Nutrients» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، قەھۋە پۇرىقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلاپ، مېڭىدىكى بوشىشىش كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقى بايقالدى.
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى

«Nutrients» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتقا 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان 20 ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى قاتناشتى. ياپونىيەدىكى شوۋا دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، 20 گىرام سوقۇلغان قەھۋەنى 400 مىللىلىتىر قايناق سۇدا دەملەپ، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر يىراقلىقىغا قويغان.

بەش مىنۇت بويىچە قەھۋە پۇرىقىغا تولغان مۇھىتتا تۇرۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆلچەشلەردە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن:

تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ چارچاش، جىددىيلىشىش، ئەنسىرەش، زېھنى چېچىلىش ۋە چۈشكۈنلۈك كۆرسەتكۈچلىرىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئېنېرگىيە ۋە ھاياتىي كۈچ سېزىمىدە تۇيۇقسىز ئۆرلەش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما قەھۋە پۇرىقىنىڭ كۆپىنچە سەلبىي ھېسسىياتلارنى يېنىكلىتىدىغانلىقى بايقالغان. مېڭىدىكى ئالفا، بېتا ۋە تېتا دولقۇنلىرىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن ھېسابلانغان «بوشىشىش كۆرسەتكۈچى» نىڭ ئاشقانلىقى بايقالغان.

پۇراق سېزىمىنىڭ مېڭىدىكى ھېسسىيات ۋە ئەسلىمە مەركەزلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. قەھۋە پۇرىقىنىڭ ئەتىگەنلىك ئادەتلەر، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرى ياكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ئوخشاش ئىلگىرىكى ئىجابىي تەجرىبىلەرنى ئەسلىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

تەتقىقاتچىلار بۇ تەتقىقاتتا سېلىشتۇرما گۇرۇپپا ئىشلىتىلمىگەنلىكى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ قەھۋە ئىستېمال قىلىش ئادەتلىرىنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، نەتىجىلەرنىڭ ئاخىرقى پاكىت بولۇشتىنمۇ بەكرەك، دەسلەپكى بايقاش خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، قاتناشقۇچىلارنىڭ پەقەت بەش مىنۇت جىمجىت دەم ئالغانلىقىنىڭمۇ روھىي ھالەتتىكى بۇ ياخشىلىنىشقا تۆھپە قوشقان بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە