خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ «يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش» چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ، مەيدانىنىڭ «ئېنىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى

جەنۇبىي كورېيە بولسا بۇ باياناتلارنى «دىققەتكە ئالغانلىقىنى» بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە ۋېنادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (UAEA) يىغىنلىرىدا دۆلىتىنى «يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش» ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىقلارنى رەت قىلىپ، يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ «ئېنىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيە ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى (WPK) ئومۇمىي مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان كىم يوجوڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى يىغىنلىرىغا ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلغان.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى يىغىنىدا شىمالىي كورېيەنى يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىقلارنى «ھەيران قالارلىق ۋە ئادەتتىكى مۇتلەق غەۋغا» دەپ سۈپەتلەپ رەت قىلغان كىم، مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى ۋە غەرب قانچىلىك ئامالسىزلىق بىلەن قەرەللىك يىغىنلارنى ئېچىپ، ئالدىن بېكىتىلگەن بىر سېنارىيەگە ئاساسەن يادرو قورالسىزلاندۇرۇش ھەققىدە سۆزلىسىمۇ، شىمالىي كورېيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى كۆرۈش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى ئۈستىدە ھېچقانداق تەسىر يارىتالمايدۇ. »

كىم شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ «ئېنىق ۋە ھەرگىزمۇ قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ: «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ئورنىنىڭ فىزىكىلىق ۋە قانۇنىي جەھەتتىن مەڭگۈلۈك رېئاللىق، زەررىچە ئۆزگەرمەيدۇ. ھېچكىم ۋە ھېچقانداق نەرسە شىمالىي كورېيەنىڭ كۈچى ۋە ئورنىدىكى ھاياتىي ئۆزگىرىشلەرنى ھەرگىزمۇ ئارقىغا ياندۇرالمايدۇ ھەمدە كەلگۈسىدىمۇ بۇلارنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جەنۇبىي كورېيە باياناتلارنى «دىققەتكە ئالدى»

يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبىي كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىنمۇ مەسىلىگە ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

كىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ «دىققەتكە ئېلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇنىڭ «كەلگۈسىدىكى ئېھتىماللىقى بولغان بىر باشلىقلار يىغىنىدا يادرو قورالسىزلاندۇرۇشنىڭ كۈنتەرتىپ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى ۋاشىنگتونغا ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرۈش ئۇرۇنۇشى» بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى