سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان رەھبەرلىرىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ
بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بايانات بېرىپ، «جۈمە كۈنىدىكى سۆھبەتتە تىنچلىق رامكىسى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن» دېدى.
ترامپ ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان رەھبەرلىرىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ
/ AP

رېيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى ئاق سارايدا ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىكەن.

سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلغان مەزكۇر ئامېرىكا ئەمەلدارى، جۈمە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن بىر رامكىنىڭ ئېلان قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ سۆھبەتكە دائىر خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ئېلان قىلغان.

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 1991-يىلى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، خەلقئارادا ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان قاراباغنى ۋە كەلبەجەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا يەتتە رايوننى ئىشغال قىلىۋېلىشى بىلەن جىددىيلىشىپ كەتكەن.

مەزكۇر رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى 2020-يىلى كۈزدىكى 44 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش جەريانىدا ئەزەربەيجان تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان.

ئەزەربەيجان يەنە 2023-يىلى سېنتەبىردە رايوندىكى بۆلگۈنچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەسلىم بولۇشىغا ئەگىشىپ، قاراباغنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەن.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇشۇ يىل ئىيۇلدا ئەبۇدابىدە باش قوشۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى