تۈركىيە مىللىي تانكىسى «ئالتاي»نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشىنى باشلايدۇ
ئەنقەرەدىكى زاۋۇت تۈركىيەنىڭ يەرلىك دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقىدا مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق تانكىلارنى ۋە يېڭى ئەۋلاد برونېۋىكلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
تۈركىيە مىللىي تانكىسى «ئالتاي»نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشىنى باشلايدۇ
/ AA

 BMC  رەئىسى فۇئات توسيالى جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە، بۇ تۈرنىڭ تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «زاۋۇتىمىزغا ئۆتكەن يىلى ئۇل سېلىنغاندىن كېيىن، ھازىر كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆتتى. بۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار سەپلەنگەن «ئالتاي» تانكىسى، BMC  نىڭ تارماق شىركىتى BMC Power تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان BATU موتورى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ.

ئەنقەرەدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تانكا گەۋدىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى قۇراشتۇرۇشقىچە بولغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرىنى سانائەت ماشىنا ئادەملىرى ۋە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

«ھېچقانداق بىنورماللىق بايقالمىدى»

توسيالى 400 بىلەن 1500 ئارىلىقىدا ئات كۈچىگە ئىگە BATU موتور سىستېمىسىنىڭ، ئىشلىتىشكە سۇنۇلۇشتىن بۇرۇن بىر قىسىم سىناقلارنى تاماملىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

توسيالى مۇنداق دېدى: «موتور سىستېمىسى 10 مىڭ كىلومېتىر يۈرۈشى ۋە مەلۇم ئىقتىدار باھالاشلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىنورماللىق بايقالمىدى، ھاۋا ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زاپچاسلار تانكا بىلەن بىرلىكتە سىناق قىلىنماقتا.»

بۇ زاۋۇتتا «ئالتاي» تانكىسىدىن باشقا، BMC  نىڭ يېڭى ئەۋلاد سەككىز چاقلىق برونېۋىكى ئالتۇغمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ھالۇق گۆرگۈن، بۇ تۈرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەمكارلىققا  يۇقىرى باھا بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ جەرياننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئۆتكەن يىلى سىناق ئۈچۈن تەمىنلىگەن تانكىلىرىمىز بارلىق ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىپ، سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ھازىر زاۋۇتىمىز پۈتتى، تانكىلىرىمىزنى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىپ قىسىملىرىمىزغا تاپشۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا