غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىر يېزىغا باستۇرۇپ كىرىپ 2 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى.
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

 ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ راماللاھقا يېقىن مۇغاييىر يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. يېزا مەسئۇلى ئەمىن ئەبۇ ئالىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چارۋىلىرىنى ئوغرىلىغان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەرگەنلىرى بولسا قارشىلىق كۆرسەتكەن يەرلىك ئاھالىگە ئوق چىقارغان.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ھۇجۇمدا 19 ياشلىق ئۆمەر مۇھەممەد ناجى نائاسان بىلەن 16 ياشلىق خەلىل راسىم خەلىل شاھادەنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، رايوندا پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان زوراۋانلىق، قولغا ئېلىش ۋە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىپ قويۇش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە