خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
گانادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، جەمئىي 15 كىشى قازا قىلدى
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، كېمىگە نورمىدىن ئارتۇق ئادەم قاچىلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
گانادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، جەمئىي 15 كىشى قازا قىلدى
گانادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، جەمئىي 15 كىشى قازا قىلدى / AP

گانانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر كۆلدە بىر كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، كۆپىنچىسى بالىلار بولۈپ جەمئىي 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

گانا دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەپسۇسلىنارلىقى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 11 نەپىرى 2 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىدى (بەشى ئوغۇل، ئالتىسى قىز)» دېدى. ۋەقە، شەنبە كۈنى ئوتى رايونىنىڭ كراچى غەربىي رايونىغا جايلاشقان ۋولتا كۆلىدە يۈز بەردى.

دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى خادىملىرى، كېمىنىڭ ئوكۇمادىن بوۋىمېغا كېتىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر، تۆت چوڭ ئادەم ھايات قالغان بۇ ھادىسىنىڭ، «جىددىي ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر بىخەتەرلىككە خىلاپلىق قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر يەنە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن، كېمىنىڭ سىغىمىدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېڭىز ئارمىيەسى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، ھادىسىنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

ئىدارە، قاتناش مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرىدىغانلىقىنى ۋە يولۇچىلار چېكى ۋە قۇتقۇزۇش كۆڭلىكى قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئۈزلۈكسىز كۆل بويى بىخەتەرلىكىنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى» نى باشلايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر ۋولتا كۆلىدە كېمە ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى ۋە ئادەتتە نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش ۋە دەرەخ غوللىرى بىلەن سوقۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئاۋغۇست ئېيىدا يۈز بەرگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ۋەقەدە ئالتە يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. 2023-يىلى مايدا بولسا، بىر كېمىنىڭ سۇ ئاستىدىكى بىر دەرەخ غولىغا سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە 18  كىشى قازا قىلغان ئىدى.  

گانا دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بىز بۇ ئاپەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى ئېچىپ بېرىشتە ۋە بۇنداق بىر پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Kente: Ghana's iconic fabric and what the UNESCO heritage status means

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»