خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ «پات يېقىندا» ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندا نېفىت باھاسىنىڭ تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

چارشەنبە كۈنى مونتانادا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ... ئۇلارمۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغان بولغاچقا، پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدۇ، نېفىت باھاسى بولسا تېز سۈرەتتە چۈشۈپ كېتىدۇ» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى مونتانادىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا سۆز قىلغان ترامپ، ۋاشىنگتون توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران تەرەپتىكى زادى قايسى ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇلارنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى يوق، ھاۋا ئارمىيەسى يوق، ئارمىيەسى پارچە-پارچە بولۇپ كەتتى. رەھبەرلىرى بولسا غايىب بولدى. ئەسلىدە مەن ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشىم كېرەك ئىكەن، چۈنكى ھازىر كىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيمەن» دېدى.

«ئوتتۇرا شەرقنىڭ زومىگىرى»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى يەنە ئىراننىڭ ئۆتمۈشتە ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك بىر ھەربىي كۈچ ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ ئىراننىڭ ئىلگىرى «ئوتتۇرا شەرقنىڭ زومىگىرى» ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر ئىلگىرىكىدەك كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى دەۋا قىلغان ترامپ، ئىراننىڭ 159 دانە پاراخوتى بارلىقىنى، ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ شۇنداقلا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ مەزكۇر دۆلەتتىكى ئايرودۇرۇم يوللىرىدا ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ: «بىلىسىلەر، ئۇلار ئىلگىرى كۈچلۈك ئىدى. ھازىر بولسا ئانچە كۈچلۈك ئەمەس... مەن <ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلدۇق> دېدىم؛ ئۇلارنىڭ جەمئىي 159 دانە پاراخوتى بار ئىدى. ھازىر دېڭىز ئاستىدا قانچە پاراخوتى بار؟ جەمئىي 159 دانە. بۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭكىدەك بولمىسىمۇ، خېلى ياخشى ئەھۋالدىكى 274 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى بار ئىدى. بۈگۈن ئىشلىتەلەيدىغان قانچە ئۇرۇش ئايروپىلانى قالدى؟ نۆل! ئۇلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ھەممىسى ئىراننىڭ ئەنە شۇ گۈزەل ئايرودۇرۇم يوللىرىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. ھەممىسى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنۈپ، ئايرودۇرۇم يوللىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەيران بولدى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ