گالاتاساراي تەرەپدارلىرى مۇسابىقە جەريانىدا پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە لىۋېرپول كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يەڭدى،
گالاتاساراي ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (UEFA) چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن پەيتلەردە، مەستانىلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا غەززەنى قوللايدىغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ شوئارلارنى توۋلىشى دىققەتنى تارتتى.
تۈركىيەنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى بىردىنبىر ۋەكىلى بولغان گالاتاساراي كوماندىسى، بىرلەشمىدىكى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئىستانبۇلدا ئەنگلىيە داڭلىق پۇتبول كوماندىسى لىۋېرپولغا قارشى كۈتۈلمىگەن بىر غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە داۋاملاشقان مۇسابىقىدە، گالاتاساراي كوماندىسى 16-مىنۇتتا ھۇجۇمچى ۋىكتور ئوسىمھېننىڭ جازا توپنى كىرگۈزۈشى بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، مۇسابىقىنى مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى.
گالاتاساراي كوماندىسىدا ۋارتا ئۇغۇرجان چاكىر بىلەن بىرگە، بولۇپمۇ ئىسمائىل جاكوبس ۋە ۋىلفرېد سىنگو قاتارلىق مۇداپىئەچىلەر كۆزگە كۆرۈنگەن بولسا، گالاتاساراينىڭ نىگېرىيەلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى ۋىكتور ئوسىمھېن يارىلىنىپ ساقايغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەن مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.
بۇ نەتىجە بىلەن گالاتاساراي 36 كوماندا قاتناشقان بىرلەشمىدە ئوتتۇرا قاتارغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش ئۈمىدى پەيدا قىلدى.
گالاتاساراي مەستانىلىرى مۇسابىقىدە ھەم قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدىكى، ھەم ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى.
رامس باغچىسى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېچىلغان «غەززەدە ئىنسانلىق ۋىجدانىنى يوقاتتى»، «پەلەستىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك» ۋە «پەلەستىنلىك بوۋاقلار ياشىسۇن» دېگەن لوزۇنكىلار دىققەتنى تارتتى.
مۇسابىقىدىن ئىلگىرى گالاتاساراي مەستانىلىرى، ئىيۇل ئېيىدا ئىسپانىيەدە قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان لىۋېرپولنىڭ سابىق ھۇجۇمچىسى دىيوگو جوتا ئۈچۈنمۇ تەزىيە بىلدۈردى. ئۇلار «بىز سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ لوزۇنكىدا بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان گالاتاساراينىڭ سابىق ماھىرى ئەخمەت چالىكمۇ ياد ئېتىلدى.
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كېيىنكى مۇسابىقىسىنى 22-ئۆكتەبىر نورۋېگىيە ۋەكىلى بۇدې-گىلىمت كوماندىسى بىلەن ئىستانبۇلدا ئوينايدۇ، بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان كوماندىلىرىدىن لىۋېرپول بولسا، شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ ئېنتراخت فرانكفورت كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.