سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ سېتىپ بېرىشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ «FrankenSAM Hawk» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى قوغداش، زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ / Reuters

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ «خاۋك» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى قوللايدىغان جابدۇقلار ئۈچۈن 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق سېتىش مۇمكىنچىلىكىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا «FrankenSAM Hawk» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئۈچۈن قۇراشتۇرۇلىدىغان تۈۋرۈكلۈك يۈك ماشىنىلىرى، چوڭ تىپتىكى ئۆزگەرتىش ۋە ئاسراش ياردىمى، زاپچاسلار، كېرەكلىك ماتېرىياللار، قوشۇمچە زاپچاسلار، رېمونت قىلىش ۋە قايتۇرۇش ياردىمى شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە توختاملاشقان شىركەتلەرنىڭ ئىنژېنېرلىق، تېخنىكا ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىنى تەلەپ قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەۋسىيە قىلىنغان بۇ سېتىشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى نىشانلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇكرائىنانى ياۋروپادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا تۆھپە قوشىدىغان شېرىك سۈپىتىدە تەرىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق بۇ ياردەم لايىھەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋەزىپىلىرى ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىرلىق يەنە ئۇكرائىنانىڭ جابدۇق ۋە مۇلازىمەتلەرنى قوراللىق كۈچلىرىگە بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە ھېچقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە سېتىشنىڭ رايوندىكى ئاساسىي ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا، تەۋسىيە قىلىنغان سېتىشنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە تەييارلىقىغا ھېچقانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كولورادودىكى Englewood قا جايلاشقان Sierra Nevada Corporation بۇ پىروگراممىنىڭ ئاساسلىق ھۆددىگەر شىركىتىدۇر.

ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا