خەلقئارا
4 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن ياۋروپانى دۇنيانىڭ «كۆپ قۇتۇپلۇق دەۋر»گە كىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
پۇتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ھەربىي كۈچ توپلىشىغا رۇسىيەنىڭ «ئىنتايىن قايىل قىلارلىق شەكىلدە» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ بولسا، غەرب ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلىدىغان كۆپ قۇتۇپلۇق تەرتىپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
پۇتىن ياۋروپانى دۇنيانىڭ «كۆپ قۇتۇپلۇق دەۋر»گە كىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن / AP
2025-يىلى10-ئاينىڭ3-كۈنى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھازىر ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ يالغۇز ھالدا قائىدە-نىزاملارنى بەلگىلىيەلمەيدىغان «كۆپ مەركەزلىك بىر دەۋر» گە قەدەم قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ياۋروپانى ھەربىي كۈچ توپلاش پىلانلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. پۇتىن يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە تەكلىپلىرىنى شەرتلىك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشىدىكى جاۋابكارلىقنى غەرب دۆلەتلىرىگە يۈكلىدى.

پۇتىن: «‹ۋالداي مۇنبىرى› دىكى مۇزاكىرىلەر دۇنيادىكى ۋەزىيەتنى ئوبيېكتىپ ۋە ئەتراپلىق باھالاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇقنىڭ «سۈپەت جەھەتتە يىپيېڭى بىر ھادىسە» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەم پۇرسەت ھەم خەتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھېچكىم يىراقتىكى بىرەرسىنىڭ بېكىتكەن قائىدىلىرىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئەمەس» دېدى.

كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش

پۇتىن كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا مودېلىنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىك ئىكەنلىكىنى، چۈنكى «نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاكتىيورلار»نىڭ نەتىجىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«بەلكىم يەرشارى سەھنىسىدە ئەڭ مۇھىم رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى جەريانلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان بۇنچە كۆپ دۆلەت ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغاندۇ» دېگەن پۇتىن، بۇ مۇھىتتا ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئاساسلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر ھەل قىلىش چارىسى پەقەتلا بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى رازى قىلىدىغان كېلىشىملەر ئاساسىدىلا مۇمكىن بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىر ھەل قىلىش چارىسى بولالمايدۇ».

رۇسىيە رەھبىرى غەربنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئورگانلارنىڭ «ئەسلىدىكى ۋەزىپىلىرىدىن چەتنەپ، مەنىسىنى يوقاتقانلىقى»نى ۋە «سىياسىي دەرس بېرىدىغان سۇپىلار»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، كېسەك  ئالتۇن (BRICS) ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنى ماختىدى ھەمدە بۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئەزالار ئارىسىدىكى ھەقىقىي ئورتاق تونۇش ۋە تەڭپۇڭلۇققا تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن: «ئۇلار ھېچكىمگە قارشى ئەمەس، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى ۋە بۇ ئەھۋالنى غەربنىڭ «زومىگەرلىك» خاھىشى دەپ سۈپەتلىگەن ھادىسىدىن ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا، ناتو ۋە خەۋپسىزلىك

سۆزىدە ياۋروپاغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتقان پۇتىن، بۇ قىتئەنى ئىچكى كىرىزىسلارنى يېپىش ئۈچۈن سەرخىللىرى رۇسىيەدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان بىر جاي دەپ تەسۋىرلىدى.

ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ «دۈشمەن ئوبرازىنى كۆپتۈرگەنلىكى»نى ئېيتقان پۇتىن، ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قەرزلەر، كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە «كۈچىيىۋاتقان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كىرىزىسى»گە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پۇتىن: «ياۋروپادىكى كۆپلىگەن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن رۇسىيەدىن بۇنچە قورقۇشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن بەلۋاغلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ئۇنتۇشى كېرەكلىكىنى چۈشىنەلمەيۋاتىدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ناتوغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىغا ئائىت قاراشلارنى «سەپسەتە» ۋە «ئىشەنگۈسىز» دەپ رەت قىلغان پۇتىن، ھەربىي كۈچ توپلاش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپادىكى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي يۆتكىلىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. رۇسىيەنىڭ بۇ تەھدىتلەرگە قايتۇرىدىغان جاۋابى كېچىكمەيدۇ. بۇ تەھدىتلەرگە بېرىلىدىغان جاۋاب، يەڭگىلرەك قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن قايىل قىلارلىق بولىدۇ».

پۇتىن رۇسىيەنىڭ «ھېچقاچان بىر ھەربىي توقۇنۇشنى باشلىمىغانلىقى»نى تەكىتلەپ، تارىخنىڭ «ئاجىزلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ ھەرقانداق مەسىلىنى كۈچ بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن خام خىيالنى پەيدا قىلىدىغانلىقى»نى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى

پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ، «بىر ئۇكرائىنا تىراگېدىيەسى... بۇ ئۇكرائىنلىقلار ۋە رۇسلار ئۈچۈن، ھەممىمىز ئۈچۈن ئازابلىق بىر ئىش» دېدى.

پۇتىن موسكۋانىڭ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۇكرائىنانى «كونتروللۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى بىر ۋاسىتە» سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى قارىشىنى تەكرارلاپ، كىيېۋنىڭ «ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىلىدىغان بىر ۋاسىتە» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەگەر ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلىرى باشقىچە بىر ئۇسۇلنى قوللانغان ۋە ناتو رۇسىيە چېگراسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمىگەن بولسا، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن: «ئەگەر ئۇكرائىنا ئاخىرىدا ئۆز مۇستەقىللىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى» دېدى.

پۇتىن رۇسىيەنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولىدا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە بىر قانچە رايوندا ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كىيېۋنى سۆھبەتكە چاقىردى: «كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئويلىشىشى تېخىمۇ ياخشى. بىز بۇنى نۇرغۇن قېتىم مۇزاكىرە قىلدۇق ۋە تەكلىپ بەردۇق».

پۇتىن رۇسىيەنىڭ يېتەرلىك ئادەم كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە تالاپىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭكىدىن «جىق ئاز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقلىرىدىن مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ياۋروپانى توقۇنۇشنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، توقۇنۇشنى توختىتىش تېخىچە مۇمكىن بولمىدى، ئەمما بۇنىڭ جاۋابكارلىقى كۆپ سانلىقتا ئەمەس، ئاز سانلىقتا، بولۇپمۇ ياۋروپادا».

ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر

ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە بىلدۈرگەن پۇتىن، ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقە قۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قارشى تەرەپنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىش، مۈجمەل ئىشارەتلەر بىلەن پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ھەر ۋاقىت ياخشىدۇر» دېدى.

رۇسىيە رەھبىرى رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ بىرىنىڭ «ئامېرىكا بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋەتلەرنى قايتا تىكلەش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئارىمىزدا قانچىلىك پەرقىمىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر بىر-بىرىمىزگە ھۆرمەت قىلساق، ئەڭ قىيىن ۋە چىگىش سۆھبەتلەرمۇ ئاخىرىدا بىر ئورتاق تونۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەززە ۋە ئوتتۇرا شەرق

پۇتىن غەززەدىكى توقۇنۇشنى «يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋەقە» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭمۇ غەززەنى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بالىلار قەبرىستانلىقى» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئىنسانىي بەدەلنىڭ «ئېچىنىشلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن ترامپنىڭ تەشەببۇسلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ «تونېلنىڭ ئاخىرىدىن نۇر ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

پۇتىن غەززەنىڭ كونتروللۇقىنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ «ئەڭ ياخشى تاللاش» بولىدىغانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ غەززەدىكى بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەمدە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىكرىنىڭ «قوللاشقا ئەرزىيدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ، ھەرقانداق بىر پىلاننىڭ ھاماسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پەلەستىنلىكلەر ۋە كەڭ دائىرىدە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستان كۈچلىرى ساقچى تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن بەش تېرورچىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 1 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىلاندى
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ماچادو غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىدى
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شىمالىدىكى چېرنىخىۋغا ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغان
شىمالىي كورېيە ھەربىي پاراتتا يېڭى يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شەرقىگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ
فىلىپپىندا 7.4 بال يەر تەۋرىدى، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
گىرىنۋىچ ۋاقتى  9 دا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىمىگە تۈركىيە، قاتار، مىسىر ۋە ئامېرىكا كاپالەتچى بولىدۇ
ئەمىنە ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يۈرۈش قىلغان ئەركىنلىك فىلوتى بىرلەشمىسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
دۇران: ئىسرائىلىيە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ
ترامپ ھاماسنىڭ «مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشقانلىقى» نى ئېيتتى
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئۇرۇشى ئۈچۈن 21.7 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى