خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى
ۋېنېزۇئېلادا 24-ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە ئۆرلىدى.
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى

ۋېنېزۇئېلا ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا يەر تەۋرەشكە ئائىت ئاخىرقى ئەھۋاللار ھەمبەھىرلەندى.

يەر تەۋرەشلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 954 كە يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، 16 مىڭ 592 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە تەخمىنەن 16 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ھازىرغىچە 6 مىڭ 462 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئىككى قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئىدى

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى (USGS)، 24-ئىيۇن كۈنى ۋېنېزۇئېلادا 39 سېكۇنتلۇق ئارىلىق بىلەن 2 قېتىم 7.2 بال ۋە 7.5 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىروگراممىسى  26-ئىيۇندىكى باياناتىدا، يەر تەۋرەشنىڭ بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەلىي ۋەيرانچىلىق چىقىمىنى 6.7 مىليارد دوللار دەپ ھېسابلاپ چىققان ئىدى.

يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن يېقىنلىرى تەرىپىدىن يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان كىشىلەر سانىنىڭ 27-ئىيۇن غىچە بولغان ئارىلىقتا 68 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ۋېنېزۇئېلادا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى