ئىسرائىلىيە ئەسكىرى جەنۇبىي لىۋاندا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى چىقىپ تاشلىدى
ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ جەنۇبىي لىۋاندا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى چىقىپ تاشلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا بىر ئەسكەرنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى چىقىپ تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا خىرىستىيان دىنىي بەلگىسىگە زىيان يەتكۈزگەن بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى كۆرسىتىدىغان سۈرەتنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
بۇ بايانات دەير سىرىيان بازىرىدا بىر ئەسكەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھەيكىلىنىڭ بېشىنى سايمان بىلەن ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن سىنغا نىسبەتەن قوزغالغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقلاردىن كېيىن كەلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋەقەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى بېكىتتى.
بۇ ھۆرمەتسىزلىك ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «دىنىي بىنالار ياكى دىنىي سىموۋۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزۈش نىيىتىمىز يوق» دەپ چىڭ تۇرۇشىغا قارىماي يۈز بەردى.
ئارمىيە ۋەقەنىڭ شىمالىي قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەسكەرنىڭ كىملىكى ياكى ئىنتىزام جازاسىغا تارتىلىدىغان-تارتىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.
ئامېرىكا سابىق كونگرېس ئەزاسى مارجورى تايلور گىرىن (Marjorie Taylor Greene) بۇ خەۋەرگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، مىلياردلىغان دوللار باج پۇلى ۋە قورال ئالغان ئامېرىكىنىڭ «ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى» نى تەنقىد قىلدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ داڭلىق شەخسلىرىدىن رىيان گىرىم (Ryan Grim): «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئىككى يېرىم يىلدىن بېرى توختاتماي ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.
تونۇلغان ئاشقۇن ئوڭچىل ئوبزورچى ۋە سابىق كونگرېس ئەزاسى مات گېتز (Matt Gaetz) ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى «دەھشەتلىك» دەپ سۈپەتلىدى.
لىۋان تاراتقۇلىرى ئوخشاش بىر رايوندىكى ئاين ئېبەل يېزىسىدا يەنە بىر خىرىستىيان دىنىي ئورنىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سۇر رايونىدىكى شاما يېزىسىنى قاتارلىق لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن دىنىي ئورۇنلارغا چېقىلغان.
ئۆتكەن ھەپتىلەردىمۇ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، كاتولىك دىنىنىڭ مۇقەددەس ھەپتە پائالىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان «پالما يەكشەنبىسى» (دەل-دەرەخ بايرىمى) مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن قۇددۇستىكى مۇقەددەس قەبرە چېركاۋىغا كىرمەكچى بولغان لاتىن پاترىيوركى كاردىنال پىئېرباتتىستا پىززاباللانى توسۇۋالغان ئىدى.
قۇددۇس لاتىن پاترىيورىخانىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «قۇددۇس لاتىن پاترىيوركى كاردىنال پىئېرباتتىستا پىززاباللا بىلەن مۇقەددەس قەبرە چېركاۋىنىڭ رەسمىي ھامىيسى ۋە مۇقەددەس زېمىن ۋەكىلى راھىب فرانچېسكو ئىئېلپونىڭ پالما يەكشەنبىسى مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چېركاۋغا كىرىشىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقى ۋە كەينىگە يېنىشقا مەجبۇرلانغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
پاترىيورىخخانا باياناتىدا: «يۈزلىگەن يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم چېركاۋ رەھبەرلىرىنىڭ مۇقەددەس قەبرە چېركاۋىدا پالما يەكشەنبىسى مۇراسىمىنى تەبرىكلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى» دېيىلدى.