سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار 34 ماي توشۇش پاراخوتى ئامېرىكا قامىلىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى
Financial Times گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار 19 ماي توشۇش پاراخوتى پارىس قولتۇقىدىن ئايرىلغان، 15 پاراخوت بولسا ئەرەب دېڭىزىدىن ئىرانغا قاراپ پارىس قولتۇقىغا كىرگەن.
ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار 34 ماي توشۇش پاراخوتى ئامېرىكا قامىلىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى
ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار 34 ماي توشۇش پاراخوتى ئامېرىكا قامىلىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى / Reuters

Financial Times گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھورمۇز بوغۇزىدا قامال باشلانغاندىن بۇيان، ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار بولغان ۋە بەزىلىرىگە ئىران نېفىتى قاچىلانغان كەم دېگەندە 34 ماي توشۇش پاراخوتى ئامېرىكا قامىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەن.

ۋاشىنگتون 13-ئاپرېلدا قامال قىلىشنى باشلاپ، ئىراننىڭ قىرغاق تەۋەلىكىگە كىرگەن ياكى بۇ يەردىن ئايرىلغان بارلىق پاراخوتلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى. 16-ئاپرېلغا كەلگەندە، قامالنىڭ دائىرىسى ئوچۇق دېڭىزدىكى بارلىق ئىران پاراخوتلىرىنى ۋە ئىراننىڭ ئۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللىشى مۇمكىن بولغان ماللارنى توشۇيدىغان پاراخوتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلدى.

ھازىرغىچە ئامېرىكا كۈچلىرى ئومان قولتۇقىدا بىر كونتېينېر پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئېمبارگو قويۇلغان بىر ماي توشۇش پاراخوتىغا باسقۇن قىلدى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتىابى (CENTCOM)، ئىران پورتلىرىنىڭ قامال قىلىنىشى باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ 28 پاراخوتقا قايتىپ كېتىش ياكى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شۇ كۈنى  CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «قامال قىلىش ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى» دېدى، شۇنداقلا ئىران بىلەن «ئاخىرقى كېلىشىم» ھاسىل قىلغۇچە ھورمۇز بوغۇزىغا قارىتا ئامېرىكا ئېمبارگوسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تىرىشچانلىقلارغا قارىماي ئونلىغان پاراخوت قامالدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار كەم دېگەندە 19 ماي توشۇش پاراخوتى پارىس قولتۇقىدىن ئايرىلىشقا ئامال تاپقان، باشقا 15 پاراخوت بولسا ئەرەب دېڭىزىدىن ئىرانغا قاراپ پارىس قولتۇقىغا كىرگەن.

پارىس قولتۇقىدىن ئايرىلغان كەم دېگەندە ئالتە ماي توشۇش پاراخوتىنىڭ 10 مىليون 700 مىڭ ۋارىلدىن كۆپرەك ئىران خام نېفىتى توشۇغانلىقى مەلۇم قىلىندى. ئىران نېفىتى ئادەتتە برېنت خام نېفىتىدىن تۆۋەن باھادا سېتىلىدىغان بولغاچقا، ھەر ۋارىل نېفىتنىڭ باھاسى 10 دوللار چۈشۈرۈلسە، بۇ يۈكنىڭ مۆلچەر قىممىتى تەخمىنەن 910 مىليون دوللارغا يېتىدۇ.

توقۇنۇش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ؛ بۇ ھۇجۇملار تېھراننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا ئەسلىھەلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە قارىتا قايتۇرما زەربە بېرىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

كېيىنچە ئىسلامئاباد 11–12-ئاپرېل كۈنلىرى ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلدى؛ بۇ، ئىككى دۆلەت 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىران جۈمە كۈنى ھورمۇز بوغۇزى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى قىسقا مۇددەتلىك بىكار قىلغان ئىدى، بىراق ترامپنىڭ ئىران پورتلىرىغا قارىتا قامالنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدىن بىر كۈن كېيىن كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتتى.

ئىزدىنىڭ
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى