ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى، ۋاقىتلىق باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «تولۇق بىر تەلۋىلەرچە ھالەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ پارلامېنتتا قىلغان سۆزلىرىنى «تەلۋىلىك ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق» دەپ سۈپەتلىدى.
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى، نېتانياھۇ سۆزىدە ئىسرائىلىيە پۇقراسى ئەرەبلەرگە قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىنى ئالغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلدى.
نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«قان تۆككەن ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەن باش مىنىستىر پۈتۈنلەي تەلۋىلەرچە ھالەت ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۈگۈن قىلغان سۆزلىرىدىكى تەلۋىلىك، ئىغۋاگەرچىلىك، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە نەپرەتلىك ئىپادىلەرنى باشقىچە چۈشەندۈرۈش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. نېتانياھۇنى، پارلامېنت رەئىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ كاخانىست ھۆكۈمىتىنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى خالايدىغان سايلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم ئۇلارنى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.»
بۇ ئارىلىقتا، بىرلىككە كەلگەن ئەرەب تىزىملىكى (رائام) رەھبىرى مەنسۇر ئابباسمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ 12-قانال تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيەلىك ئەرەب پارلامېنت ئەزالىرىنى نىشان قىلغان سۆزلىرىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«باش مىنىستىرنىڭ رەسمىي بىر پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيەدىكى ئەرەب پۇقرالارغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا ۋە قارا چاپلاپ ھاقارەتلىشىگە ھەيران قالدىم. بىزنىڭ ساداقىتىمىز ھەققىدە قىلچىلىكمۇ گۇمان يوق.»
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ، 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن كېيىن ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، رائام بىلەن بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكىنى «ئىسرائىلىيەنى مۇنقەرز قىلىشنى مەقسەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە: «دۆلىتىمىزنىڭ تەقدىرىنى مۇشۇ كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرامسىلەر؟ غايەت زور زىيونىست ئاممىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان زىيونىست پارتىيەلەرنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى تاللامسىلەر؟» دەپ غەلۋە قىلغان ئىدى.
بۇ دۆلەتتە 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى 11 پارلامېنت ئورۇندۇقىغا، مەنسۇر ئابباس رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئەرەب تىزىملىكى بولسا 8 پارلامېنت ئورۇندۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ھەر ئىككى گۇرۇپپا نېتانياھۇ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش نىشانى بويىچە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنىڭ «ياشار» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى گادى ئايزېنكوتقا بېرىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ شەكىللەنگۈسى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.



















