مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇتاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە بۇلغارىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مىنىستىر خاقان فىدان ئەتە بۇلغارىيەدە رەسمىي ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلەردە، بۇلغارىيە بىلەن ئېنېرگىيە، قاتناش، ئالاقە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان ئورتاق قەدەملەرنى تاشلاش ۋە يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى يارىتىش ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

خاقان فىدان بۇلغارىيەنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ياۋروپاغا قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىدا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەدىن بۇلغارىيەگە مال ۋە يولۇچىلارنىڭ ئۆتۈشىنىڭ توسالغۇسىز ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزىدىكەن. خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ۋە كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ جەھەتتە بۇلغارىيەنىڭ قوللىشىغىمۇ زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە قارادېڭىز رايونىدىكى مۇقىملىققا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدىغان خاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيە ئوتتۇرىسىدا تەشكىل قىلىنغان «قارادېڭىز مىناغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» (MCM Black Sea) نىڭ قارادېڭىزدىكى كېمە قاتنىشى بىخەتەرلىكى جەھەتتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدىكەن.

مىنىستىر خاقان فىدان ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىشىنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە لىۋاننى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىق مۇھىتى يارىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

فىدان ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2024-يىلى 29-30-يانۋار كۈنلىرى بۇلغارىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى.

 ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلماقتا.

بۇلغارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەت بىلەن بولغان ئومۇمىي سودا سوممىسى 2025-يىلى 8 مىليارد 400 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

بىر مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداش تۈركلەر ياشايدىغان بۇلغارىيە، بالقان رايونىدا ئەڭ كۆپ قېرىنداشلارغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى