ترامپ ۋېنېزۇئېلادىكى كوكايىن بازىلىرىغا زەربە بېرىشنى ئويلاشماقتا
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ترامپ ۋېنېزۇئېلادىكى «كوكايىن ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى» گە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئويلاشماقتا.
ترامپ ۋېنېزۇئېلادىكى «كوكايىن ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى» گە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئويلاشماقتا. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈچ ئامېرىكالىق ئەمەلدار س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ترامپنىڭ كوكايىن ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش يوللىرىغا زەربە بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەمما پىلاننى ئىجرا قىلىپ-قىلماسلىق توغرىسىدا تېخى ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈچ ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلادىكى «زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى » نى نىشان قىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئاخىرقى قارار تېخى ماقۇللانمىغان.
جۈمە (24-ئۆكتەبىر) كۈنى ھەربىي جەھەتتىن يۇقىرى پەللىگە چىقىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر قانچە ۋەقە يۈز بەردى: پېنتاگون باشلىقى پېت خېگسېت (Pete Hegseth) ياۋروپادىكى ئەڭ ئىلغار ئاۋىياماتكا ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى كارىب دېڭىزىغا ئەۋەتتى. ئامېرىكا قىسىملىرىنى بۇ رايونغا زور دەرىجىدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ترامپ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) غا ۋېنېزۇئېلادا مەخپىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنى بەردى.
ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت يەنە ئامېرىكاغا كېلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ئېقىمىنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئۇسۇلنىمۇ ئويلاشقان. گەرچە ۋېنېزۇئېلا كوكايىننىڭ ئەڭ مۇھىم چوڭ مەنبەسى بولمىسىمۇ، ترامپ ھۆكۈمىتى مادۇرو بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى بىر-بىرىگە باغلىغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېقىن بىر ئەمەلدار: «پىرېزىدېنت ئويلاشقان پىلانلار ھازىرمۇ ئۈستەلدە» دېدى ھەمدە دىپلوماتىيەنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باشقا ئەمەلدارلار نۇرغۇن تەكلىپلەرنىڭ پىرېزىدېنتقا سۇنۇلغانلىقىنى ۋە پىلانلاشنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
يىرىكچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى
ترامپ يېقىنقى كۈنلەردە ۋېنېزۇئېلا ئىچىگە قىلىنىدىغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىنى قاتتىقلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە گۇمانلىق زەھەرلىك چېكىملىك پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. كارىب دېڭىزىدا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ھۇجۇمدا، ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
خېگسېتنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئاي ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان جەمئىي 10 پاراخوتقا زەربە بېرىلگەن بولۇپ، جەمئىي 43 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
بەزى ئەمەلدارلار زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مادۇروغا يېقىن كىشىلەرگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئاساس تەييارلايدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋېنېزۇئېلا ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن، كونگرەنىڭ تەستىقلىشى ياكى مەلۇمات بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.