سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار
ئىسرائىلىيەنىڭ «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» قەرزدار ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن يېڭى پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوبزور ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار
«يېرۇسالېم پوچتىسى»گېزىتى ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن بولىدىغان قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا قەرزگە پاتقان ياشلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. / TRT World

«يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» دىكى بىر پارچە ئوبزوردا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ياش ئامېرىكالىقلارنىڭ قەرزىدىن قانداق پايدىلىنىش، قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۇلارنى ئىرانغا بېرىپ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلاشتىكى ۋاسىتە قىلىپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئوبزوردا، ئەگەر ئامېرىكا ياشلىرى ئىرانغا بېسىپ كىرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا قوشۇلسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەكلىكى تەكلىپ قىلىندى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشتا پەقەت ھاۋا ھۇجۇمى بىلەنلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئىراننى ئىشغال قىلىش ياكى كونترول قىلىش ئۈچۈن 1.5 مىليونغا يېقىن ئەسكەر توپلاش زۆرۈر ئىكەن.

قەرزدار ئامېرىكا ياشلىرىنى ئىرانغا قارشى «زەمبىرەك ئوقى» (cannon fodder) ئورنىدا ئىشلىتىشتەك بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان تەكلىپنى، كانادا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوفىتسېرى ئاج جاف (AJ Jaff) «يېرۇسالېم پوچتا گېزىتى» (Jerusalem Post) دە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاج جاف ئوبزورىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكانىڭ بىر نەچچە ئايلىق شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ئىراننىڭ ھەربىي كۈچىنى ۋەيران قىلالمىدى ياكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرالمىدى؛ قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىش ئۈچۈن ھازىرقى مەۋجۇت ئەسكەر سانىدىن كۆپ ئارتۇق ئامېرىكا قوشۇنى لازىم. ئەسكەر قوبۇل قىلىش سانى ئىرانغا قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىش مىقداردىن كۆپ تۆۋەن. ئىراننىڭ 31 ئۆلكە قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئۇنىڭ <موزايىك ئۈچۈن كېرەكلىك مۇداپىئە تەلىماتى> (Mosaic Defense Doctrine) غا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 750 مىڭدىن 1.5 مىليونغىچە ئامېرىكا ئەسكىرى لازىم دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئەسكەر سانى تەخمىنەن 452 مىڭ ئەتراپىدا. شۇڭا، سان جەھەتتىن بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ناتايىن.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تارىخى بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يول كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. يەنى ئەنئەنىۋى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىش ئەمەس، بەلكى «قەرزنى كەچۈرۈش پىروگراممىسى» ئارقىلىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش.

ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «18 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئامېرىكالىقلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق تۇرالغۇ قەرزىدىن باشقا قەرزلىرى (ئوقۇش قەرزى، ئىناۋەتلىك كارتا، ئاپتوموبىل ۋە شەخسىي قەرزلەر) بار، بەزى مۆلچەرلەردە بۇ قەرز 100 مىڭ دوللارغا يېتىدۇ. پېنتاگون دەل مۇشۇ كىشىلەرگە موھتاج.»

 ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «فېدېراتسىيە باشقۇرىدىغان بىر قەرز كەچۈرۈش پىروگراممىسى ئارقىلىق 24 ياكى 36 ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن ئوقۇش قەرزى، ئىناۋەتلىك كارتا ۋە باشقا قەرزلەرنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش ھەمدە <ھەربىيلەر قانۇن لايىھەسى> (GI Bill) نى كېڭەيتىش، زور كۆلەملىك ئىختىيارى ئەسكەرلىككە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.»

غەلىتە تەكلىپ

ئامېرىكالىقلارنىڭ تەخمىنەن %77 ىنىڭ مەلۇم شەكىلدە قەرزى بار. بۇ تەخمىنەن 250 مىليوندىن 260 مىليونغىچە كىشىنىڭ مالىيە جەھەتتىن قەرزدار ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئامېرىكادىكى ئائىلىلەرنىڭ ئومۇمىي قەرزى 18.8 تىرىليون دوللارلىق تارىخىي رېكورتنى ياراتتى. يېتىشكەن بىر ئامېرىكالىقنىڭ ئوتتۇرىچە قەرزى 63 مىڭ 500 دوللار.

ئاپتور ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەسكەر يىغىش ئۇسۇللىرىنى مىسال قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا «ھەربىيلەر قانۇن لايىھەسى» نىڭ (GI Bill)، ۋىېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپ سەۋەبىدىن ئەسكەرلىككە كېچىكىپ بېرىش پۇرسەتلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاپتور مۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ: «11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇرۇشلاردا ئەسكەرلىككە بېرىشتا، مۇكاپات پۇلى ۋە پۇقرالىق يوللىرى سۇنۇلغان ئىدى. ئىران ئۇرۇشى بولسا، قەرز كەچۈرۈم قىلىش پۇرسىتىنى سۇنۇشى كېرەك. 20 ۋە 30 ياشلاردىكى قەرزدار ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، پېنتاگون ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئەسكەر يىغىز مېخانىزمىغا ئايلاندۇرىدۇ.»

ئۇ بۇ لايىھەنى ئەخلاقىي جەھەتتىن بىئارام قىلارلىق دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما پېنتاگون ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «چارقنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ ئوبزورىدا بۇ لايىھە ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننى مەغلۇپ قىلىشى ئۈچۈن پىلانلىغان ئۈچ خىل قورال ئىشلەتمەي مەغلۇپ قىلىش (non-kinetic) يولىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. بۇ ئوبزور قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەكلىپنى ئامېرىكا نۇقتىسىدىن خاتالىق دەپ رەت قىلدى، يەنە بەزىلەر ئاپتورنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىن گۇمانلاندى، بەزىلەر بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى ئامېرىكالىق قالغۇچە» ئۇرۇش قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«The Blaze» غا ئوخشاش خەۋەر تورلىرى جافنىڭ پىلانىنى قەرز پاتقىقىغا پاتقان ياش ئامېرىكالىقلارنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىش ھەققىدىكى «غەلىتە تەكلىپ» دەپ ئاتىدى.

«مىسېس ئىنستىتۇتى» (Mises Institute)  «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكالىقنى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئۆلۈشكە چاقىردى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە، «بۇ ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكا باش تاپشۇرغۇچىلىرىنى ئۇرۇشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىشىدۇر» دېيىلدى.

 

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى