سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي: تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ» دېدى.
زېلېنسكىي: تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ۋىدېيوسىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ھەر قايسى جايلاردا كېلىپ چىققان توك ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن رۇسىيەگە قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنى كۆپەيتىش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. سۆزىدە ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي مۇنداق دېدى: «پات ئارىدا يېڭى قارارلارنى تەييارلايمىز، ھەقىقىي مەنىدە قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، قولىمىزدىكى بارلىق دىپلوماتىك پۇرسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، نويابىردا ئۇزۇندىن بۇيان مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان شەكىل-قېلىپلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.»

ئۇ سۆزىدە رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغان خېرسون رايونىغا قاراشلىق ئولېشكى (Oleshky) شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى خىزمەتلەر ئۈستىدىمۇتوختىلىپ، شەھەردىن پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئىران - تۆت تەرەپ يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى
قاتار ئەمىرى ئال سانى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان سىنگاپورنىڭ يەر ئاستى ئامبارلىرىدا نېفىت ساقلاشنى پىلانلىماقتا
CNN: ترامپ بۇيرۇق بەرسە، ئامېرىكا 96 سائەت ئىچىدە ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىيالايدۇ
ئۆكتىچى رەھبەر نېتانياھۇنى «ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا
فرانسىيەدە بوراندىن كېيىن تەخمىنەن 59 مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قېلىش داۋاملاشماقتا
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەرخىللىرى دۆلەتنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مۇھىم يىغىن باشلىدى
تۈرك دۆلەتلىرى ئەنقەرەدە يېزا ئىگىلىكىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەرخىل ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
رۇسىيە: ۋورونېژدىكى ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا پويىزدىكى ئىككى كىشى قازا قىلدى