ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن موسكۋا ئەتراپىدىكى ئايرودۇرۇملار تاقالدى
رۇسىيە ئاۋىياتسىيە نازارەت قىلىش ئورگىنى دومودېدوۋو ۋە جۇكوۋسكى ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە تاقالغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەخت موسكۋانى قايتا نىشان قىلغان ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ كېچىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ شەھەردىكى تۆت ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەكشەنبە كۈنى موسكۋا ۋاقتى 22:00 (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت 19:00) دىن سەل بۇرۇن باشلىنىپ ئۇدا بەش سائەت داۋاملاشقان مەزگىلدە، رۇسىيە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 28 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
رۇسىيە ئاۋىياتسىيە نازارەت ئورگىنى «Rosaviatsiya» ھاۋا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، چوڭ دومودېدوۋو ئايرودۇرۇمى بىلەن كىچىك جۇكوۋسكى ئايرودۇرۇمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت 22:40 تىن باشلاپ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھۇجۇم ئەسناسىدا ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئۇكرائىنا تەرەپتىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.