تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
ئىبراھىم كالىن، غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى يولغا قويۇشقا قارىتىلغان خىزمەتلەر دائىرىسىدە قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا، پەلەستىنلىك گۇرۇھلار ۋە كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى.
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قاھىرەدە بىر يەرگە جەم بولغان تەرەپلەر، ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەيداندىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش غايىسى بىلەن «يول خەرىتىسى» خاراكتېرىدىكى بىر لايىھە تېكىستى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

بۇ سۆھبەتكە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى كالىن، مىسىر ۋە قاتاردىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللاردىن باشقا پەلەستىنلىك گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

تەرەپلەرنىڭ مۇساپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاراتقان پىكىرلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن «بىنا قىلغۇچى (ئىجابىي) بىر كەيپىياتتا» مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۆھبەتتە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۇنجى باسقۇچىغا ئائىت مەسئۇلىيەتلەرنى تامامىلاش، ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ۋە مەيداندا تىنچلىقنى قوغداشقا قارىتىلغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

غەززەنى باشقۇرۇش، قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسى، خەلقئارالىق قوشۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇشقا ئائىت مېخانىزملارمۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، تۇنجى باسقۇچتا ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىنى كۆپەيتىش ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بەزى رايونلاردىن قىسمەن چېكىنىشىگە ئوخشاش قەدەملەر يولغا قويۇلغان ئىدى. پەلەستىنلىك مەنبەلەر بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى ۋە ۋەھشىي ھۇجۇملارنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

كىلىشىمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا غەززەنى باشقۇرۇش، قايتىدىن قۇرۇش، خەلقئارالىق كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تولۇق چېكىنىشى ۋە بەزى سىياسىي-بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى نىشان قىلىنماقتا.

پەلەستىنلىك گۇرۇھلار بىلەن كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئائىت جىددىي ئۇچرىشىشلار قاھىرەدە تۈنۈگۈن باشلانغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى