ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى. كەم دېگەندە 4 كىشى ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

ئامېرىكانىڭ نيۇ جېرسېي ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى. ھۇجۇمدا بىرى كىچىك بالا بولۇپ، كەم دېگەندە 4 كىشى قازاقىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

By
abd saldırı / TRT

نيۇ جېرسېي ئىشتاتىنىڭ نېۋارك شەھىرىدە، كىملىكى ئېنىق بولمىغان كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلدى.

نيۇ جېرسېي ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى فىل مۇرفى، قازا قىلغانلار ئىچىدە بىر كىچىك بالىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇربانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن شەھەردە بىر قىسىم ئاپتوبۇس لىنىيەلىرى توختىتىلغان بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلاندى. جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.