خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكانىڭ دۆلەت مىقياسىدىكى يادرو ياكى باشقا سەزگۈر ئەسلىھەلەرگە قىلىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇمىغا، ئامېرىكانىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زەربە بېرىدىغان شەكىلدە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىران ئامېرىكا يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تارىخىي يادرو كېلىشىمىنى تەستىقلىدى (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتابى ئامېرىكانىڭ دۆلەتنىڭ يادرو ياكى باشقا سەزگۈر ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھەر قانداق ھۇجۇمىنىڭ، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن بىرگە ۋاشىنگتوننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلغان رايون خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قوزغىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

قوراللىق قىسىملار باش ئىشتابى بۇنداق بىر قەدەمنىڭ ئۇرۇشنىڭ پۈتۈن رايون مىقياسىغا كېڭىيىشى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ھەمدە قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن بېرىلىدىغان «كۈچلۈك» ئىنكاسقا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراننىڭ ناتانز يادرو سانائەت رايونى يېقىنىدىكى يەر ئاستى «كازما تېغى» ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپ ئامېرىكانىڭ رايونغا «ئىنتايىن ئېغىر» زەربە بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

ترامپ ئىراننىڭ مەزكۇر رايونغا يادرو سانائەت رايونلىرىنى يۆتكىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئۇچۇرنى تېخى دەلىللىمىگەنلىقىنى ئېيتتى.

كۇۋەيتتىكى رادار سىستېمىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ناسىر 2» ھەرىكىتىنىڭ 24-دولقۇنى جەريانىدا كۇۋەيتتىكى ئەلى ئەسسالىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى يېنىدىكى  بىر ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادارىنى، تاكتىكىلىق رادار گۇرۇپپىسىنى ۋە كۇۋەيتنىڭ بۇبىيان ئارىلىدىكى يەنە بىر رادار سىستېمىسىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى رادار سىستېمىلىرىنىڭ ئىشتىن چىقىرىلغانلىقىنى ھەمدە «تاجاۋۇزچى»غا (ئامېرىكاغا) قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى؛ تېھران بولسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى تۈرلۈك دۆلەتلەردە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تاقابىل تۇردى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۇجۇملار، فېۋرال ئېيىدا باشلانغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن ئىيۇن ئېيىدا پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئىمزالانغان ئۆزئارا چۈشىنىش رامكا كېلىشىمىگە قارىماي يۈز بەردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
پاكىستان بىلەن قاتار ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
خەلىل ئەل ھەييە ھاماسنىڭ يېڭى سىياسىي بىيۇرو رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: قىبرىس تۈرك خەلقىنى ھەققانىي كۈرىشىدە ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئۆزتۈركلەر: بىر خەلقنى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلاپ تۇرۇپ، تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ھورمۇز بوغۇزى بىخەتەر ئەمەس
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى