خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران بۈگۈن كېچە ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانىنى نىشانغا ئېلىشقا ئۇرۇنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قىسىملىرى جاۋابەن قەشم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
Iran–US tensions escalate amid strikes, counterclaims, and warnings of further retaliation across the Middle East.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران تەرەپ يەردىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق رايوندىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرمەكچى بولغان. ئامېرىكا قىسىملىرىمۇ بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان. مەزكۇر ئەمەلدار بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ كۆلىمىنىڭ «چەكلىك» ئىكەنلىكىنى ۋە پەقەت «مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىدە» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىران تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكانىڭ ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئىران تاراتقۇلىرى قەشم ئارىلىدا ئاز دېگەندە بەش قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالمىدى. ھازىرغىچە ئىران دائىرىلىرى قەشم ئارىلىدىكى بۇ پارتلاشلار ياكى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تارقاتقان ھۇجۇم خەۋىرى توغرىسىدا ھېچقانداق رەسمىي بايانات بەرمىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: COP31 دىكى قەتئىي ئىرادە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ
پاكىستاندا مىنىبۇس دەرياغا قۇلاپ چۈشۈپ كېتىپ، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
CENTCOM: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدۇ، دېگەن داۋاسى قۇرۇق پەرەز
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى ئاگاھلاندۇرۇش رادارىغا زەربە بەردۇق
مالاتيادا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ھادىسىسىدە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز شۈبھىسىزكى ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى