خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيەدىكى پورت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى نۇرغۇن پورتلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
گېرمانىيەدىكى پورت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن، ھامبۇرگ قاتارلىق ئاساسىي پورتلاردىكى يۈك بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى توختاپ قالدى.
گېرمانىيەدىكى پورت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى نۇرغۇن پورتلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
گېرمانىيەدىكى پورت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى نۇرغۇن پورتلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى / Reuters

ۋېردى (Verdi) ئىشچىلار ئۆيۈشمىسىنىڭ تەخمىنەن 11 مىڭ پورت ئىشچىسى تېخىمۇ يۇقىرى مائاش تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، 24 سائەتلىك ئىش تاشلاش گېرمانىيەنىڭ مۇھىم دېڭىز پورتلىرىنى ئىشتىن توختاتتى.

سەيشەنبە كۈنى 24 سائەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئىش تاشلىشى گېرمانىيەدىكى دېڭىز پورتى خىزمەتلىرىنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلدى. پورت ئىشچىلىرىنىڭ مائاش ئۆستۈرۈش بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش تاشلىشى، ھامبۇرگ ۋە باشقا بەش پورتتىكى كۆنتېينېر تېرمىناللىرىدا ئاقساشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ۋېردى ئىشچىلار ئۆيۈشمىسى ئىش تاشلاشنىڭ يېرىم كېچىدىن كېيىنكى كېچىلىك نۆۋەت بىلەن باشلانغانلىقىنى ۋە ھامبۇرگ، برېمېرخاۋېن، برېمېن، ۋىلھېلمشابېن، ئېمدېن ھەمدە براكې پورتلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھامبۇرگدا ئىش تاشلاش، HHLA شىركىتى ۋە Eurogate شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مۇئەسسەسەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پورتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تۆت چوڭ كۆنتېينېر تېرمىنالىغا زەربە بەردى.

ۋېردى مۇزاكىرىچىسى سىلۋى كرىش ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىش بەرگۈچىلەرگە بېرىدىغان ئۇچۇرىمىز، تەلىپىمىز مەسىلىسىدە ئىنتايىن قەتئىيلىكىمىزدۇر. ئىشچىلار تېخىمۇ ياخشى بىر تەكلىپنى خالايدۇ ۋە بۇنىڭغا لايىقتۇر. پورتلاردىكى ئۇل-ئەسلىھەنى ئالقىنىدا تۇتقان ھەمدە بۇ ساھەنىڭ بىر پۈتۈن ھالدا مۇقىم ۋە ئۇتۇقلۇق قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلار دەل ئۇلاردۇر» دېدى.

ۋېردى ئىشچىلار ئۆيۈشمىسى تەخمىنەن 11 مىڭ پورت ئىشچىسى ئۈچۈن 12 ئاي بويىچە %8.2 لىك مائاش ئاشۇرۇشنى ۋە سائىتىگە كەم دېگەندە 2.50 ياۋرو (2.90 دوللار) قوشۇمچە ھەق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. گېرمانىيە پورت باشقۇرغۇچىلىرى مەركىزىي ئىتتىپاقى (ZDS) بولسا، 19 ئاي بويىچە %5.1 لىك مائاش ئاشۇرۇشنى ۋە 2027-يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئارامگاھ ھەققى سۈپىتىدە 300 ياۋرو (347 دوللار) قوشۇمچە تۆلەم بېرىشنى تەكلىپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - First direct flight from Berlin lands in Damascus after nearly 14-year hiatus
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار