سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق
ترامپ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي بازىلار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ پات يېقىندا ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق / AP

كارىب دېڭىزىدا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن جىددىيچىلىك ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ساناقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى «CBS News» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «60 Minutes» ناملىق پىروگراممىسىدا، رىياسەتچى نورا ئودوننېلنىڭ «مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ساناقلىقمۇ؟ ياكى ساناقلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەن سۇئالىغا، «ھەئە، مېنىڭچە شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، ۋېنېزۇئېلاغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى.

ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، «مەن بۇنداق قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم» دېدى ھەمدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ترامپ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي بازىلار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ پات يېقىندا ئېلىپ بېرىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ رەت قىلىپ، بۇ ھەقتە بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەزى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورلۇقىغا» قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش دائىرىسىدە، ۋېنېزۇئېلادىكى ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

 ۋاشىنگتون مادۇرو ھاكىمىيىتىنى جەنۇبىي ئامېرىكادا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر جىنايى گۇرۇھ بولغان «كارتېل دې لوس سولېس» نىڭ رەھبىرى بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ يىل 7-ئايدا ۋاشىنگتون بۇ گۇرۇھنى «ئالاھىدە بېكىتىلگەن يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى»  دەپ ئاتىغان ئىدى.

9-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، كۆپىنچىسى كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندا بولۇپ، كەم دېگەندە 14 ھۇجۇم يۈز بەردى، بۇ ھۇجۇملاردا 64 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنىيلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك بۇ ھۇجۇملارنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان»، «سوتسىز قەتل قىلىش» ھەرىكەتلىرى دەپ ئاتاپ، بۇ ھەقتە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى.

مادۇرو ھاكىمىيىتى ۋاشىنگتوننى دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى «رەزىللىك» ۋە «پۈتۈنلەي يالغان» دەپ سۈپەتلىدى. مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ «كوكايىن ئىشلەپچىقارمايدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى ھەمدە ئامېرىكانىڭ دېڭىز بويىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ «يېڭى، چەكسىز ئۇرۇش» پىلانلىرىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز