كىرودىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىۋان ئانۇسىچ سېربىيەنىڭ ھۇجۇم سىستېمىلىرى بىلەن ئېغىر دەرىجىدە قوراللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇساپىسى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان خىتايدا ياسالغان ئاۋازدىنمۇ تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىۋان ئانۇسىچ ۋېنگىرىيەنىڭ چېگرا شەھىرى لېنتىدە ۋېنگىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رومۇلۇسز رۇسزىن-سزېندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئانۇسىچ سۆھبەتتە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىنىڭ كىرودىيە بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سېربىيەنىڭ قوراللىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مىنىستىر ئانۇسىچ، بېلگراد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئىلغار قوراللار بىلەن ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىككى مىنىستىر دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرى ئارا تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ھەققىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ئانۇسىچ ۋېنگىرىيەلىك كەسىپدىشىغا كىرودىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرىنى تونۇشتۇردى.


























