ناتو باياناتچىسى ئاللىسون خارت X سۇپىسىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ قارا دېڭىز بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىن ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.
خارتنىڭ ئېيتىشىچە، تەشكىلات شەرقىي قاناتتىكى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى، جۈملىدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن. ئۇ قارا دېڭىزغا كۆزىتىش، چارلاش ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان زاپاس قىسىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە: «بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشنى، ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ۋە قادىر بولۇشنى، بىر مىليارد پۇقرايىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
قارا دېڭىزدا يېقىندىن بۇيان سودا پاراخوتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا. 13-ئۆكتەبىر بۇلغارىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىككى پاراخوتنىڭ بىرى چۆكۈپ كەتكەن ئىدى.
يېقىندا رۇمىنىيەنىڭ قارا دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدا سان مارىنو ۋە كومور ئاراللىرى بايرىقى چىقىرىلغان ئىككى سودا پاراخوتىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. سان مارىنو بايراقلىق پاراخوتتىكى 12 كىشىلىك پاراخوت خادىملىرىدىن بەشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، يەتتىسى يوقاپ كەتتى. كومور ئاراللىرى بايراقلىق پاراخوتتىكىلەر بولسا، تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىخەتەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.


























