تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەرنى كۈچەيتىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ زىيارىتى، ئەنقەرە ئۆزگىرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ تېخىمۇ چوڭقۇر رايونلۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
ئەردوغان پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەرنى كۈچەيتىدۇ
ئەردوغان پارس قولتۇقىدىكىنى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەرنى كۈچەيتىدۇ / AA Archive

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كېلەر ھەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانىلىنۋاتقان ئۈچ كۈنلۈك پارس قولتۇقى زىيارىتى دائىرىسىدە، 21-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە كۇۋەيت، قاتار ۋە ئوماندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەت رەھبىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ زىيارەتلەر ئارقىلىق، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھالقىلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆزئارا ئەھدىلىشىشمۇ پىلانلانماقتا ئىكەن.

دۇران X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەردوغاننىڭ زىيارەتلىرى جەريانىدا سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېنېرگىيە شېرىكلىكىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئىمزالىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر زىيارەت، ئەنقەرەنىڭ زور ئىقتىسادىي كېلىشىملەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگلار بىلەن گۈللەنگەن يېقىنلىشىش دەۋرىدىن كېيىن، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلماقتا.

جۇمھۇر رەئىسنىڭ بۇ زىيارىتى يەنە، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئىتتىپاقلار ئارىسىدا مۇھىم بىر ۋاسىتىچى ھەم رايونلۇق كۈچ مەركىزى سۈپىتىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارالماقتا. ئەردوغان پارس قولتۇقىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى 7-ئايدا زىيارەت قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى