ناتو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىش جىددىيلىكى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇچقۇلار كوپېنھاگېن ۋە ئوسلو ئايرودۇرۇملىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاقسىتىپ قويدى.
دانىيە ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئۇچقۇلارنى «كەسپىي مەشغۇلاتچى» ئۇچۇرغان، ئەمما گۇماندارلار تېخى ئېنىقلانمىغان. بۇ ۋەقە ناتو دۆلەتلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا جەم بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەردى.
كوپېنھاگېن ۋە ئوسلو ئايرودۇرۇملىرى سەيشەنبە كۈنى بىر قانچە سائەت تاقالغاندىن كېيىن قايتا ئېچىلدى. دانىيە ساقچىلىرى ئايرودۇرۇمنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان نامەلۇم ئۇچقۇلارنىڭ «كەسپىي مەشغۇلاتچى» تەرىپىدىن ئۇچۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىڭلىغان يولۇچىلارنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرغان بۇ ۋەقە، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىگە بىر نەچچە قېتىم خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسىدىن كۈچلۈك ئەندىشەلەر پەيدا بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەردى. بۇ مەسىلە ئېستونىيەنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو يىغىنىدا ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا، ساقچىلار دۈشەنبە كۈنى (22-سېنتەبىر) كەچتە ئايرودۇرۇمنىڭ ئۈستىدە بىر قانچە چوڭ ئۇچقۇنىڭ بىر قانچە سائەت ئۇچقانلىقىنى، ئاخىرىدا ئۆزلىكىدىن يىراقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇپەتتىشى جاكوب ھانسېن (Jakob Hansen ) مۇخبىرلارغا: «ئۇچقۇلار غايىب بولغاندىن كېيىن، ئايرودۇرۇم قايتا ئېچىلدى بىز ئۇچقۇلارنى چۈشۈرمىدۇق» دېدى.
دانىيە ساقچىلىرى سەيشەنبە (23-سېنتەبىر) كۈنى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئۇچقۇلارنى «كەسپىي مەشغۇلاتچى» نىڭ ئۇچۇرغانلىقىنى، ئەمما تېخىچە گۇماندارلارنىڭ ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇپەتتىشى جاكوب ھانسېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار دانىيە ئارمىيەسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇچقۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نورۋېگىيە پايتەختىدىمۇ ئۇچقۇلار كۆرۈنگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئايرودۇرۇمنىڭ بىر قانچە سائەت تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان. دانىيە ساقچىلىرى بىلەن نورۋېگىيە ساقچىلىرى بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ھەمكارلاشقان.
ئوسلو ئايرودۇرۇمىنىڭ باياناتچىسى مونىكا فاۋستىڭ ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقىغا: «بىز ئىككى قېتىم ئۇچقۇلارنى كۆردۇق. ئايرودۇرۇمنى ئەتىگەن سائەت 3 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئاچتۇق» دېدى.
مىڭلىغان يولۇچىلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى
شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئىككى ئايرودۇرۇم بولغان كوپېنھاگېن ۋە ئوسلو ئايرودۇرۇملىرى دۈشەنبە (22-سېنتەبىر) كەچتە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچقۇلار كۆرۈنگەندىن كېيىن بىر نەچچە سائەت تاقالدى. بۇ ئەھۋال نەچچە ئونمىڭلىغان يولۇچىنىڭ سەپىرىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.
ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوپېنھاگېن ئايرودۇرۇمى ئىككى ياكى ئۈچ دانە چوڭ ئۇچقۇنىڭ ئايرودۇرۇمغا يېقىن جايدا ئۇچقانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، تۆت سائەت تاقالغان. يەرلىك ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوسلو ئايرودۇرۇمى ئىككى قېتىم ئۇچقۇ بايقالغاندىن كېيىن، ئۈچ سائەت تاقالغان.
ئايرودۇرۇم تاقالغان مەزگىلدە، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىللەرگە قوندۇرۇلغان. ھەر ئىككى ئايرودۇرۇمنىڭ مەسئۇللىرى سەيشەنبە كۈنىمۇ بىر قىسىم كېچىكىش ۋە ئاقساشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بۇ ۋەقەلەر پولشا، ئېستونىيە ۋە رۇمېنىيە ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيەنى ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن يۈز بەردى. موسكۋا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.
ساقچى مۇپەتتىشى ھانسېن كوپېنھاگېن ئايرودۇرۇمىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان ئۇچقۇلارنىڭ رۇسىيەدىن كەلگەن بولۇش ئېھتىمالى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ھازىرچە بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
ناتو ئېستونىيەنىڭ تەلىپى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزىدۇ
ناتو بالتىق دۆلىتى ئېستونىيە ئۆتكەن ھەپتە ئۈچ دانە رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ۋە توپلىنىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن بۈگۈن (23-سېنتەبىر) يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.
رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.
جۈمە كۈنىدىكى 12 مىنۇتلۇق ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسى ۋە 10-سېنتەبىردىكى 20 ئەتراپىدىكى رۇسىيە ئۇچقۇسىنىڭ پولشا ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى، موسكۋانىڭ ناتو ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ ھاۋا تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى قايتا سىناپ باققان ۋەقەلەر بولدى.
ناتونىڭ 32 ئەلچىسى بىريۇسسېلدىكى باش ئىشىتابىدا شىمالىي ئاتلانتىك كېڭەش شەكلىدە ھتەپتىدە بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. ئېستونىيە ناتونىڭ 4- شەرتنامەسىنىڭ 4-ماددىسى بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
پولشامۇ ئۇچقۇ ۋەقەسىدىن كېيىن 4-ماددا بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ناتو ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، شەرقىي قاناتتىكى ياۋروپا ئايروپىلانلىرى ۋە باشقا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «شەرق نۆۋەتچىسى» نامىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.
4-ماددا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەردە ھەربىي ياكى دىپلوماتىك نەتىجىلەر چىقمايدۇ.
4-ماددا جىددىي مەسىلىلەرنى ناتونىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزىدۇ. 4-ماددا ۋاشىنگتون شەرتنامىسىنىڭ 14 ماددىسى ئىچىدىكى ئەڭ قىسقا ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا: «ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ياكى بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، تەرەپلەر بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
ناتو پىكىر بىرلىكى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، سۆھبەتلەر ئورتاق قارار ياكى ھەرىكەتكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. 4-ماددىنى ئىشقا سېلىش، ئىتتىپاقداشلارنى بىر ئەزا دۆلەت مەلۇم قىلغان مۇھىم ئەھۋالغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ.