غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش، بېسىپ كىرىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە.
پەلەستىن زېمىنلىرىنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
پەلەستىن تام ۋە ئولتۇراق رايونلارغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ دىنىي جايلىرىنى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەسەبىي ئىسرائىلىيەلىكلەر قۇددۇسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىھماس يېزىسىدا بىر مەسچىتنى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش، ئاختۇرۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلمەكتە.

























