ئەردوغان سەككىز دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرەققىي قىلغان سەككىز دۆلەت (D-8) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مىسىر پايتەختى قاھىرەگە يېتىپ باردى.
تەرەققىي قىلغان سەككىز دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
تەرەققىي قىلغان سەككىز دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىيۇن (2024) ئېيىدا ئىستانبۇلدا توپلىنىپ، غەززە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندىمۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىن دائىرىسىدە، بەزى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش قەدەملىرى، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋاندا داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
تەرەققىي قىلغان سەككىز دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا، تۈركىيە، مىسىر، ھىندونېزىيە، ئىران، مالايشىيا، نىگېرىيە، باڭلادىش ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا.